UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارئون ئىككىنچى ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى

ئون ئىككىنچى ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1927 - يىلى3 - ئايدا شاڭخەي ئىشچىلىرىنىڭ قوزغىلىڭى غەلىبە قىلىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنى قارشى ئېلىۋاتقان پەيتتە، مىللىي ئىنقلابىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى جياڭ جيېشى شاڭخەيگە كەلدى. ئۇ بىر تەرەپتىن قەسەم ئىچىپ، ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋالمايدىغانلىقىغا كاپالەت بەردى ھەمدە ھەربىي ئوركېستىر ئۆمىكى ئەۋەتىپ، شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىغا «ئورتاق كۈرەش قىلايلى» دېگەن خەت يېزىلغان لەۋھە بايراق سوۋغا قىلىپ، شاڭخەي ئىشچىلىرىغا «ھۆرمەت» بىلدۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن، شاڭخەيدىكى چوڭ سودىگەرلەر، پومېشچىكلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، چوڭ قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشتەك سۇيىقەستلىك پىلانىنى تۈزدى.4 - ئاينىڭ12 - كۈنى سەھەردە جياڭ جيېشىنىڭ مۇرىتلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تولۇق قوراللانغان بىر تۈركۈم لۈكچەكلەر ئىشچىلار قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ كونسېسسىيە رايونىدىن يولغا چىقىپ، جيابېي، نەنشى، خۇشى، ۋۇسۇڭ، خۇڭكۇ قاتارلىق رايونلاردىكى ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. كەينىدىنلا قوشۇن ئەۋەتىپ، «ئىشچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشنى ياراشتۇرۇش» نامى بىلەن ئىشچىلار تەرتىپ ساقلاش ئەترىتىنىڭ قوراللىرىنى يىغىۋېلىپ،300 نەچچە ئادەمنى ئۆلتۈردى ۋە ئۇرۇپ يارىلاندۇردى. ئەتىسى شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى جيابېيدا ئاممىۋى يىغىن ئېچىپ، يىغىۋالغان قوراللارنى قايتۇرۇپ بېرىش، لۈكچەك ئەكسىلئىنقىلابىي كۈچلەرنى يوقىتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يىغىندىن كېيىن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشچىلار قوشۇنى باۋشەن يولىدىكى سەندېلىغا كەلگەندە، بۇ يەردە ئالدىنئالا يوشۇرۇنۇپ تۇرغان ئەكسىيەتچى ئارمىيە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنىقىغىمۇ بولمىغان ئىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندىلا100 نەچچە ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن ئادەمنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەكسىيەتچىلەر شاڭخەي باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە ئىنقىلابىي ئۆمەكنى تەكشۈرۈپ، ئىشچىلار رەھبەرلىرى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلدى. ئۈچ كۈن داۋاملاشقان بۇ چوڭ قىرغىنچىلىقتا300 نەچچە ئادەم ئۆلتۈرۈلۈپ،500 نەچچە ئادەم قولغا ئېلىندى.5000 دىن ئارتۇق ئادەم ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى، مانا بۇ — «12 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى». ئارقىدىنلا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جياڭسۇ، جېجياڭ، فۇجيەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق رايونلاردىمۇ قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. «12 - ئاپرېل ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى» دىن كېيىن جياڭ جيېشى نەنجىڭدا مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار