يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
يۈز تۇەنلىك ئۇرۇش — ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان8 - ئارمىيىنىڭ جەڭگە قاتناشتۇرغان ھەربىي كۈچى ئەڭ كۆپ، تەشكىلىي كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.1940 - يىل8 - ئاينىڭ20 - كۈنىدىن12 - ئاينىڭ5 - كۈنىگىچە8 - ئارمىيە پېڭ دېخۇەينىڭ قوماندانلىقىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ105 تۇەننى تەشكىللەپ، تەخمىنەن400 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى ئىشقا سېلىپ، شىمالىي جۇڭگونىڭ2500 كىلومېتىرلىق ئۇرۇش سېپىدە ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە ۋە قورچاق ئارمىيىگە كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغاپ، »تازىلاش« قا قارشى تۇردى. بۇ، تارىختا «100 تۈەنلىك ئۇرۇش» دەپ ئاتالدى.
بۇ قېتىملىق ئۇرۇش جەمئىي ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈندى.1 - باسقۇچ9 - ئاينىڭ10 - كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ ئاساسلىقى قاتناش ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىسى قاتناش لىنىيىسىنى ۋەيران قىلىش ئىدى.2 - باسقۇچ10 - ئاينىڭ5 - كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچتا8 - ئارمىيە قاتناش لىنىيىسىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دۈشمەنلەرگە ھۇجۇم قىلدى ھەمدە تايانچ بازىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن ياپونىيە ۋە قورچاق ئارمىيىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرىنى بىتچىت قىلدى.3 - باسقۇچ12 - ئاينىڭ5 - كۈنىگىچە داۋاملاشتى. بۇ باسقۇچتا «تازىلاش» قا قارشى تۇرۇش مەركىزىي ۋەزىپە قىلىندى.100
تۇەنلىك ئۇرۇش ئۈچ يېرىم ئاي داۋاملاشتى، جەمئىي1824 قېتىم چوڭ - كىچىك جەڭ بولدى، بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسى ۋە قورچاق ئارمىيىدىن ئۆلگەن ۋە ئەسىرگە چۈشكەنلەر40 مىڭدىن ئاشتى، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋە قورچاق ئارمىيىنىڭ3000 چە تايانچ بازىسى پاچاقلاپ تاشلاندى، دۈشمەننىڭ480 نەچچە كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈريول لىنىيىسى،1500 كىلومېتىردىن ئارتۇق تاشيول لىنىيىسى بۇزۇپ تاشلاندى.260 تىن ئارتۇق ۋوگزال، كۆۋرۈك، تونىل ۋەيران قىلىندى.8 - ئارمىيە دۈشمەننىڭ نۇرغۇن قورال - ياراغ، ئوق - دورا، ماددىي ئەشيالىرىنى غەنىيمەت ئالدى.