UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارچىبىدىكى ئوت قويۇش

چىبىدىكى ئوت قويۇش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار چىبىدىكى ئوت قويۇش دەل مەشھۇر چىبى جېڭىدۇر. بۇ قېتىمقى جەڭدە، ئومۇمىي ئادەم سانى ساۋ ساۋ قوشۇنىنىڭ بەشتىن بىرىگە يەتمەيدىغان سۇن - ليۇ (سۇن چۈەن - ليۇ بېي) بىرلەشمە قوشۇنى ئەپچىل چارە - تەدبىر ئىشلىتىپ ساۋ ساۋ قوشۇنىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، ئاخىر ئۈچ پادىشاھلىقنىڭ تىركىشىپ تۇرۇش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. گۇەندۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ساۋ ساۋ شىمالنى ئاساسىي جەھەتتىن بىرلىككە كەلتۈردى. شەرقىي خەن سۇلالىسى جيەنئەننىڭ13 - يىلى (مىلادىيە208 - يىلى) ساۋ ساۋ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جەنۇبتىكى تەپرىقىچى كۈچلەرنى بىر يولىلا يوقىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بولدى. بۇ چاغدا، جىڭجۇ (ھازىرقى خۇنەن، خۇبېي ۋە خېنەننىڭ غەربىي جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئىگىلەپ ياتقان ليۇ بياۋ ئۆلگەن، ئۇنىڭ ئوغلى ليۇ سۇڭ ساۋ ساۋغا تەسلىم بولغان، ئەسلىدە ليۇ بياۋغا بېقىنغان ليۇ بېي مەغلۇپ بولۇپ فەنكۇ (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسىدىكى ئېچېڭنىڭ غەربىدە) چېكىنگەنىدى. جياڭدۇڭ (چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىدىكى جياڭنەن ئەتراپلىرى) نى ئىگىلەپ ياتقان سۇن چۈەن كۈچلۈك ساۋ ساۋ قوشۇنىغا دۇچ كەلگەندىن كېيىن، ليۇ بېي بىلەن بىرلىشىپ ساۋ ساۋغا تاقابىل تۇرۇش قارارىغا كەلدى. ليۇبېي ھەربىي مۇشاۋىر جۇگې لياڭنى سۇن چۈەن بىلەن بىرلىكتە ساۋ ساۋغا تاقابىل تۇرۇش پىلانى تۈزۈشكە جياڭدۇڭغا ئەۋەتتى. سۇن چۈەن جۇ يۈينى باش لەشكىرىي تۇتۇقلۇققا تەيىنلەپ، ئۇنى خىللانغان30 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ ليۇ بېينىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق لەشكىرى بىلەن بىرلىشىپ، چىبى ئەتراپلىرىدا (ھازىرقى خۇبېي ئۆلكىسى جيايۈينىڭ شەرقىي شىمالىدا) ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ سېپىنى ئاچتى. ساۋ ساۋ قوشۇنىدا200 نەچچە مىڭ لەشكەر بار بولۇپ، لەشكەرلەرنىڭ كۆپچىلىكى شىماللىق بولغاچقا جەنۇبقا كەلگەندىن كېيىن ھاۋا كىلىماتىغا ماسلىشالماي، قوشۇندا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە شىماللىق لەشكەرلەر دەريا دولقۇنىنىڭ چايقىشىغا كۆنەلمەي، كېمىدە بېشى قېيىپ قۇسۇپ، سۇدا جەڭ قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ساۋ ساۋ جەڭ كېمىلىرىنى بىر - بىرىگە زەنجىرلەپ چېتىپ، ئۈستىگە تاختاي ياتقۇزۇپ »چاتما كېمە« قىلىشقا پەرمان چۈشۈردى. جۇ يۈينىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە خۇاڭ گەي چاتما كېمىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى بايقاپ، ئوت ھۇجۇمى چارىسى بىلەن دۈشمەننى مەغلۇپ قىلىش تەكلىپىنى بەردى. خۇاڭ گەي ساۋ ساۋغا مەكتۇپ يېزىپ، يالغاندىن جۇ يۈينىڭ خورلۇقىغا ئۇچرىغاچقا، قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ تەسلىم بولماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ساۋ ساۋ بۇنىڭغا ئىشىنىپ، تەسلىمنى قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىت ۋە مەخپىي بەلگىنى بېكىتتى، تەسلىمنى قوبۇل قىلىدىغان كۈنى خۇاڭ گەي كېمىلەرگە مايغا چىلانغان قۇرۇق ئوتۇنلارنى لىق قاچىلاپ، ئەتراپىغا تۇغلارنى قاداپ نىقابلاپ، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ سۇ لەشكەرلىرى بارگاھىغا ئىككى چاقىرىم كېلىدىغان سۇ يۈزىگە كەلگەندە قۇرۇق ئوتۇنلارغا ئوت ياقتى. ئەينى چاغدا كۈچلۈك شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىۋاتقاچقا، ئوت شامالدا تېخىمۇ ئۇلغىيىپ، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ كېمىلىرىگە تۇتاشتى. ساۋ ساۋ قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ كېىملىرى تۆمۈر زەنجىرلەر بىلەن مەھكەم چېتىۋېتىلگەچكە، ئاسانلىقچە ئاجراتقىلى بولمىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە سۇ يۈزى ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىپ، دەريانىڭ قارشى قىرغىقىدىكى تاش قەلئەمۇ قىپقىزىل يورۇپ كەتتى. كۈچلۈك ئوت قىرغاقتىكى ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى بارگاھىغا تۇتىشىپ كەتكەچكە، ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى ئالمان - تالمان قېچىشقا باشلىدى. دەل شۇ چاغدا سۇن - ليۇ بىرلەشمە قوشۇنى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، ساۋ ساۋ قوشۇنىدىكى نۇرغۇن لەشكەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى. ساۋ ساۋ ئاز ساندىكى قېپقالغان لەشكەرلىرىنى باشلاپ خۇارۇڭ چىغىر يولى بىلەن قېچىپ كەتتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
چىبىدىكى ئوت قويۇش | UyghurWiki | UyghurWiki