جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
«گۇاڭشىنىڭ دەرۋازىسى ئەمدىلىكتە مەۋجۇتلۇقتىن قالدى.» بۇ، جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى (1883 −1885 - يىللار) دا فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ جېننەنگۇەن (ھازىرقى يۈيگۇەن) نىڭ ئالدىغا تىكلەكلىك تۈۋرۈككە يېزىپ قالدۇرغان خەنزۇچە خەت ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خورىكى ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتكەنىدى. جېننەنگۇەندىكى ئارمىيە ۋە خەلقمۇ ئۆتكەلنىڭ ئالدىغا تۈۋرۈك قاداپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە فرانسىيىلىكلەرنىڭ خېتىگە تىغمۇتىغ تاقابىل تۇرىدىغان «فرانسىيىلىكلەرنىڭ كاللىسى بىلەن دەرۋازىمىزنى قايتىدىن بەرپا قىلىمىز!» دېگەن چوڭ خەتنى يازدى.1885
- يىلى (گۇاڭشۈينىڭ11 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى يېشى70 كە يېقىنلاشقان پېشقەدەم سەركەردە فېڭ زىسەينى گۇاڭشى ئالدىنقى سېپىگە بېرىپ فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇشقا ئەۋەتتى. ئۇ جېننەنگۇەندە سېپىل سوقتۇرۇپ، خەندەك كولىتىپ، ئۇرۇشقا پائال تەييارلىق قىلدى.3 - ئاينىڭ23 - كۈنى فرانسىيە ئارمىيىسى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ ئىستىھكامىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. فېڭ زىسەينىڭ قوماندانلىقىدا، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ سەركەردە - لەشكەرلىرى باتۇرانە قارشىلىق كۆرسىتىپ، فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈردى.24 - كۈنى سەھەردە فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە بىر قېتىم ئەسكىرىي كۈچىنى ئۈچ يولغا بۆلۈپ، ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇدۇلدىكى دۈشمەنلەر شىددەتلىك زەمبىرەك ئوقىنىڭ ھىمايىسىدە سېپىل تۈۋىگە قىستاپ كەلدى، بەزىلىرى سېپىلغا يامىشىپ چىقتى. بۇ ۋاقىتتا فېڭ زىسەي ھەيۋەت بىلەن توۋلىغان ھالدا نەيزىسىنى قولىغا ئېلىپ، سېپىلدىن ئالدى بىلەن سەكرەپ چۈشۈپ دۈشمەن ئىستىھكامىغا بۆسۈپ كىرىپ، دۈشمەنلەر بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى. ئارقىدىنلا چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىدىكى سەركەردە - لەشكەرلەرمۇ جان - جەھلى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىپ، دۈشمەننى باتۇرلارچە قىردى. فرانسىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، ئالاقزادىچىلىك ئىچىدە قېچىپ كەتتى.25 - كۈنى فېڭ زىسەي ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ،1000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى ئۆلتۈردى، زور مىقداردىكى مىلتىق، زەمبىرەكلەرنى ئولجا ئالدى، فرانسىيە ئارمىيىسى پۈتۈن سەپ بويىچە مەغلۇپ بولدى.
جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە جۇڭگو ئارمىيە ۋە خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە غايەت زور ئىلھام بېرىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، مەغلۇبىيەتنى غەلىبىگە ئايلاندۇردى. بىراق چىرىكلەشكەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئاتالمىش غەلىبىدىن پايدىلىنىپ مۇرەسسەلىشىش فاڭجېنى دېگەننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، فرانسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھاقارەتلىك شەرتنامە ئىمزالاپ، غەلىبە مېۋىسىنى قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى.