جۈيلۇ ئۇرۇشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
«جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ ئېلىشىش» دېگەن بۇ تۇراقلىق ئىبارىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى شەكلى چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى جۈيلۇ ئۇرۇشىدا شەكىللەنگەن.
چىن Ⅱ نىڭ3 - يىلى (مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى207 - يىلى) چىن سۇلالىسىنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى جاڭ خەن بىرنەچچە100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيې رەھبەرلىكىدىكى قوزغىلاڭچى قوشۇننى باستۇرۇشقا ئاتلىنىپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرىنى جۈيلۇدا (ھازىرقى خېبېي ئۆلكىسى پىڭشياڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا) قورشىۋالدى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيې تاقابىل تۇرۇشقا كۈچى يەتمەي، ئەلچى ئەۋەتىپ چۇ خۇەيۋاڭ قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلاڭچى قوشۇنىدىن ياردەم سورىدى. چۇ خۇەيۋاڭ سۇڭ يۈينى ئالىي سانغۇن، شياڭ يۈينى ئورۇنباسار سانغۇن قىلىپ تەيىنلەپ، قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيېنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ناھايىتى كۈچلۈك بولغاچقا، ھەرقايسى تارماق قوزغىلاڭچى قوشۇنلارنىڭ ياردەمچى قوشۇنلىرىنىڭ ھېچقايسىسى سۇلالىسى چىن قوشۇنلىرى بىلەن بىۋاسىتە جەڭ قىلىشقا پېتىنالمىدى. سۇڭ يىمۇ قوزغىلاڭچى قوشۇننى باشلاپ ئەنياڭ (ھازىرقى خېنەنگە تەۋە) غا كەلگەندىن كېيىن، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىن قورقۇپ، قەستەن توختىۋېلىپ46 كۈنگىچە بىر قەدەممۇ ئىلگىرىلمەي، ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ يېتىۋالدى. شياڭ يۈي سۇڭ يىنى ئۆلتۈرۈپ لەشكىرىي ھوقۇقنى قولىغا ئېلىپ، قوشۇننى باشلاپ جاڭشۇي دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىن لەشكەرلەرگە قازان - قومۇچلارنى چېقىپ، كېمىلەرنى چۆكتۈرۈۋېتىپ، قارارگاھلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھەربىر كىشى ئۈچ كۈنلۈكلا ئوزۇق - تۈلۈك ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە قېنى قالغۇچە جەڭ قىلىشتەك تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
شياڭ يۈي قوشۇننى باشلاپ يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرگۈدەك چۇقان - سۈرەن بىلەن ئۇدۇل جۈيلۇغا قاراپ ئاتلاندى، لەشكەرلەر بەس - بەستە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، بىرى ئونغا تېتىدى، توققۇز قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن چېكىندۈردى، جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شيېغا ياردەم بەرگىلى كەلگەن باشقا قوشۇنلارنىڭ ھەممىسى قورغانلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ جەڭنى كۆردى، بۇ قېتىمقى جەڭدە چىن سۇلالىسى سەركەردىسى سۇ جياۋ ئۆلتۈرۈلدى، ۋاڭ لى ئەسىرگە چۈشتى، شې جيەن ئۆلۈۋالدى. ئۇزاق ئۆتمەي، چىن سۇلالىسىنىڭ سانغۇنى جاڭ خەن مەغلۇبىيەتنىڭ مۇقەررەرلىشىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، خەنشۇي دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى يىن خارابىلىكىدە (ھازىرقى خېنەندىكى ئەنياڭدا200 مىڭ كىشىلىك چىن سۇلالىسى قوشۇنىنى باشلاپ كېلىپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
جۈيلۇ ئۇرۇشى قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇپ، چىن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ300 مىڭغا يېقىن ئادىمىنى يوقاتتى، شۇنىڭ بىلەن چىن سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلىپ، چىن سۇلالىسىنىڭ ھالاكەتلىك تەقدىرى بەلگىلەندى.