UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارۋۇخەننى قوغداش جېڭى

ۋۇخەننى قوغداش جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1938 - يىلى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ۋۇخەننى قوغداش ئۈچۈن مىليون كىشىلىك قوشۇننى ئىشقا سېلىپ، ۋۇخەننى مەركەز قىلغان چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى كەڭ رايونلاردا مۇداپىئە سېپى قۇردى. ياپونىيە ئەۋەتكەن350 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى بەش يولغا بۆلۈنۈپ ۋۇخەن رايونىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.6 - ئايدا ۋۇخەننى قوغداش شىددەتلىك جېڭى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا باشلاندى. ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى مۇھىم قورغان تيەنجيا بازىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن نەچچە كۈن كەسكىن جەڭ قىلىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن600 پايدىن ئارتۇق زەمبىرەك ئوقى ئاتتى، ھاۋادىنمۇ1000 دىن ئارتۇق چوڭ بومبىلارنى تاشلىدى. بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ زەمبىرەكلىرىمۇ توختىماستىن گۈمبۈرلەپ، قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى. ياپونىيە ئارمىيىسى10 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىلىنىشى بەدىلىگە تيەنجيا بازىرىنى ئىگىلىدى. ئىككى تەرەپ ۋۇخەن ئەتراپىدا كۆپ قېتىم قانلىق جەڭ قىلدى، ياپونىيە ئارمىيىسى ۋۇخەن ئەتراپىدىكى مۇھىم جايلارنى پەيدىنپەي تازىلاپ، دابيېشەن تېغىدىكى ئىستراتېگىيىلىك جايلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈپ بېيجىڭ - خەنكۇ لىنىيىسىنى كونترول قىلىپ، ۋۇخەننى ئۈچ تەرەپتىن قورشاش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى.10 - ئاينىڭ25 - كۈنى جۇڭگو ئارمىيىسى ۋۇخەندىن چېكىنىشكە باشلىدى.27 - كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى ۋۇخەننى ئىگىلىدى. ۋۇخەننى قوغداش جېڭى6 - ئاينىڭ12 - كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى ئەنچىڭغا تاجاۋۇز قىلغاندىن باشلىنىپ، ۋۇخەن قولدىن كەتكەنگە قەدەر تۆت يېرىم ئاي داۋاملاشتى، مىللىي ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان جەڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئۇرۇشتا ياپونىيە ئارمىيىسىدىن200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، جۇڭگو ئارمىيىسىدىن400 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىدار بولغان. ۋۇخەننى قوغداش ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچىغا كىردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
ۋۇخەننى قوغداش جېڭى | UyghurWiki | UyghurWiki