شىمالىي دېڭىز يېڭى ئارمىيىسى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1895 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى خۇ جۇفېننى تيەنجىندە مەشىق بازىسى قۇرۇشقا بۇيرۇپ، «دىڭۋۇ قوشۇنى» تەشكىللىدى. ئارقىدىنلا ئۇنىڭ ئورنىغا يۈەن شىكەينى يېڭى ئارمىيە تەشكىللەشكە ئەۋەتتى. يۈەن شىكەي ياپونىيە ۋە گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي تۈزۈمى، شۇنداقلا مەشىق قائىدىسىگە ئاساسەن دىڭۋۇ قوشۇنىنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەپ4000 دىن ئارتۇق ئەسكەرنى7300 ئەسكەرگە يەتكۈزۈپ، «يېڭىدىن قۇرۇلغان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى» دەپ ئاتىدى. مانا بۇ، شىمالىي دېڭىز يېڭى ئارمىيىسىدۇر.
يېڭى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىدە مەشىق نازارەتچىلىك ئورگىنى رەھبىرىي ئورگان بولۇپ، يۈەن شىكەي ئۆزى باش نازارەتچى بولدى، ئۇنىڭ ئاستىدا باش شتاب، قانۇن ئىجرا قىلىش ۋە نازارەتچىلىكتىن ئىبارەت ئۈچ ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى تەسىس قىلىندى، ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشلىق تەمىناتى، ھەربىي قورال - ياراغ، ترانسپورت، دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ۋە ھەربىي دوختۇرخانا قاتارلىق قوشۇمچە تارماقلار ۋە مەشىق ئورگانلىرىنى تەسىس قىلدى. ھەربىي تۈزۈلمىدە قوشۇننى ئوڭ قانات، سول قاناتتىن ئىبارەت ئىككى تارماققا بۆلۈپ، تۆۋەندە پىيادە ئەسكەرلەر قوشۇنى، توپچىلار قوشۇنى، ئاتلىق قوشۇن ۋە قۇرۇلۇش قوشۇنى بارگاھلىرى تەسىس قىلىندى. ئارمىيىدە ئەجنەبىيلەرنى مەشقاۋۇللۇققا تەكلىپ قىلىپ، بىر تۇتاش يېڭى قوراللارنى سەپلىدى، قوشۇن ئىچىدە نېمىس تىلى، زەمبىرەكچىلەر ئەترىتى، پىيادە ئەترەت، ئاتلىق ئەترەتتىن ئىبارەت تۆت سەييارە مەكتەپ قۇردى. يۈەن شىكەي ئىشەنچلىك سەركەردىلىرىدىن ۋاڭ شىجىن، دۇەن چىرۇي، فېڭ گوجاڭ، ساۋ كۇن، دۇەن جىكۇي قاتارلىقلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، ئىمكانقەدەر قول ئاستىدا خىزمەت قىلدۇردى. يۈەن شىكەي يەنە بىر قاتار قاتتىق ھەربىي قائىدە - تۈزۈملەرنى تۈزۈپ چىقىپ، قوشۇنىنى قاتتىق باشقۇردى.
شىمالىي دېڭىز يېڭى ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ يېقىنقى زامانلىشىشىنىڭ باشلىنىشى ئىدى، شۇنىڭدەك ئۇ يەنە يۈەن شىكەينىڭ شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى بولۇشىغا ئاساس سالدى.1898 - يىلى يېڭى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى پايتەختنى قوغدىغۇچى «ئوڭ قانات مۇھاپىزەتچى ئارمىيە» گە ئۆزگەرتىلدى.1902 - يىلى «شىمالىي دېڭىز دائىمىي زاپاس قوشۇنى» غا ئۆزگەرتىلدى.