UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلاربېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى

بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار بېيپىڭ - تيەنجىن (پىڭ - جىن) جېڭى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسى ۋە شىمالىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسى بېيپىڭ، تيەنجىن، جاڭجياكۇ رايونىدا گومىنداڭ ئارمىيىسگە قارشى قوزغىغان بىر قېتىملىق زور كۆلەملىك جەڭ.1948 - يىلى12 - ئايدا لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى ۋە خۇەيخەي جېڭىنىڭ قاتتىق زىلزىلىسىنىڭ تەسىرىدە، شىمالىي جۇڭگو ئۇرۇش مەيدانىدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ600 مىڭ ئەسكىرى ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، ئوقتىن ئۈركۈگەن قۇشتەك تېپىرلاپ، يا چېكىنىشنى، يا مۇداپىئەدە تۇرۇشنى بىلەلمەي، بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ)، تيەنجىن، تاڭگۇ، جاڭجياكۇ لىنىيىسىدە قاپسىلىپ قالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن، شىمالىي جۇڭگو دالا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى بىڭتۇەنى بىلەن شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ ئالدىن ئەۋەتىلگەن بىڭتۇەنى بېيپىڭ، جاڭجياكۇلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان فۇ زويى قىسىملىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ سۈييۈەنگە قېچىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، «قورشىۋېلىپ ھۇجۇم قىلماي» دۈشمەننى توسۇپ تۇردى. ئاندىن شەرقىي شىمال دالا ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى بېيپىڭ، تيەنجىن، تاڭگۇ، تاڭشەن ئارىلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ، «ئايرىۋېتىپ قورشاۋغا ئالماي» دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ تايانچ نۇقتىلىرى ئارىسىدىكى ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، شىمالىي جۇڭگودىكى جاڭجياكۇدىن تاڭگۇغىچە بولغان800 چاقىرىملىق ئۇرۇش سېپىدىكى دۈشمەن ئارمىيىسىنى جەڭ قىلىشقا مادارى يوق، قوغدىنىشقا ئىقتىدارى يوق، چېكىنىشكە يولى يوق پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى.12 - ئاينىڭ5 - كۈنى بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى باشلاندى.12 - ئاينىڭ22 - كۈنىدىن12 - ئاينىڭ24 - كۈنىگىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شىنباۋئەن ۋە جاڭجياكۇنى ئالدى.1949 - يىل1 - ئاينىڭ14 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى تيەنجىننى ساقلاۋاتقان دۈشمەنگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ130 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ، قوماندان چېن چاڭجيېنى تۇتۇپ، تيەنجىننى ئازاد قىلدى. بۇ چاغدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مىليون كىشىلىك قوشۇنى بېيپىڭ رايونىغا توپلاندى، بېيپىڭدىكى200 نەچچە مىڭ دۈشمەن كۈپنىڭ ئىچىدىكى تاشپاقىغا ئوخشاپ قالدى. بېيپىڭدىكى گومىنداڭ ئارمىيىسى فۇ زويىنىڭ باشچىلىقىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىپ تەشكىللىشىنى قوبۇل قىلدى.1 - ئاينىڭ13 - كۈنى بېيپىڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقى جاكارلاندى. بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭى56 كۈن داۋاملىشىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ520 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمى يوقىتىلىپ ۋە ئۆزگەرتىپ تەشكىللىنىپ، پۈتكۈل شىمالىي جۇڭگو ئاساسىي جەھەتتىن ئازاد قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلىپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا غەلىبە قىلىشىغا ساناقلىقلا كۈن قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار