UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارسەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1899 - يىلى كۈزدىن باشلاپ جۇڭگودا داغدۇغىلىق يىخېتۇەن ھەرىكىتى كۆتۈرۈلدى، ئۇلار «چىڭ سۇلالىسىنى يۆلەپ، ئەجنەبىيلەرنى يوقىتىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كۈرەشنىڭ تىغ ئۇچىنى جاھانگىر تاجاۋۇزچى كۈچلەرگە بىۋاسىتە قاراتتى.1900 - يىل6 - ئاينىڭ10 - كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قارشىلىقىنى باستۇرۇش ئۈچۈن، ئەنگلىيە، روسىيە، ياپونىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق سەككىز دۆلەت تاجاۋۇزچى ئارمىيە تەشكىللەپ، ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى سېيمورنىڭ باشچىلىقىدا داگۇ ئارقىلىق تيەنجىندىن ئۆتۈپ بېيجىڭغا بېسىپ كىرىپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى باشلىدى. سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى لوفا، لاڭفاڭ ئەتراپىدا يىخېتۇەنچىلەرنىڭ قورشاپ زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ ئېغىر تالاپەت تارتىپ، تيەنجىندىكى كونسېسسىيىسىگە چېكىنىپ كىرىۋالدى.7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىننى ئىشغال قىلدى.8 - ئاينىڭ2 - كۈنى ئۇلار يەنە ئەسكىرىي كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تيەنجىندىن بېيجىڭغا ھۇجۇم قىلدى.8 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭنى ئىشغال قىلدى. سىشى تەيخۇ گۇاڭشۈي خاننى ئېلىپ شىئەنگە قېچىپ كەتتى.9 - ئايدا تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭ سانى100 مىڭغا يەتتى، گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مارشالى ۋالدېرزى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەندى. سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بارغانلا جايىدا، بايلىقلارنى تالان - تاراج قىلىپ، پۇقرالارنى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈپ، نۇرغۇن يېزا - بازارلارنى قۇرۇقداپ قويدى. بېيجىڭغا كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەممىلا جايدا بايلىقلارنى بۇلاپ - تالاپ، ئوت قويۇپ قىرغىنچىلىق قىلىپ، قىز - ئاياللارنى ئاياغ ئاستى قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىكى قالمىدى. خان ئوردىسى ۋە يېخېيۈەندىكى بىباھا كىتابلار، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاز ئۇچرايدىغان دۆلەت گۆھەرلىرىمۇ ئۇلار تەرىپىدىن تالان - تاراج قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاررۇسىيىمۇ100 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقىرىپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالدى.1901 - يىلى9 - ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى روسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق11 دۆلەت بىلەن «شىنچۇ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى، ئۇرۇش ئاياغلىشىپ، جۇڭگو پۈتۈنلەي يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق جەمئىيەتكە ئايلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى پۈتۈنلەي جاھانگىرلارنىڭ جۇڭگوغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىكى قورالىغا ئايلىنىپ، «ئەجنەبىيلەرنىڭ سۇلالىسى» بولۇپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار