UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1937 - يىل7 - ئاينىڭ7 - كۈنى ياپونىيە لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ، جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش رەسمىي پارتلىدى.1945 - يىلى8 - ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغانغا قەدەر، جۇڭگو خەلقى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىل مىسلىسىز جاپالىق ئۇرۇش ئېلىپ باردى. جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى جەڭگاھى2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى فاشىزمغا قارشى جەڭگاھى بولدى.1937 - يىلى7 - ئايدىن1938 - يىلى10 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئە باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. گومىنداڭ ئارمىيىسى ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانىدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، شىمالىي جۇڭگو، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونلىرىدىكى كەڭ زېمىنلارنى قولدىن بېرىپ قويغاچقا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى پايتەختنى چۇڭچىڭغا كۆچۈردى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى8 - ئارمىيە، يېڭى4 - ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ دۈشمەن ئارقا سېپىگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، كەڭ كۆلەملىك پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپى ئۇرۇش مەيدانىنى ئاچتى.1938 - يىلى10 - ئايدا ۋۇخەن بىلەن گۇاڭجۇ قولدىن كەتكەندىن كېيىن، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك تىركىشىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەسلىم بولۇشقا قىزىقتۇرۇشى نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىكى ياپونپەرەسلەرنىڭ كاتتىۋېشى ۋاڭ جىڭۋېي ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئوچۇق - ئاشكارا تەسلىم بولدى.1940 - يىلى3 - ئايدا نەنجىڭدا قورچاق مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇپ، بىر قىسىم مىللىي خائىنلارنى توپلاپ، ۋەتەنگە ئوچۇق - ئاشكارا خائىنلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىدا كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى خاھىش كۈنسېرى كۈچەيدى. ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى ھەربىي كۈچىنىڭ كۆپ قىسمىنى، شۇنداقلا قورچاق قوشۇنىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يىغىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تايانچ بازىلارغا قارىتا ۋەھشىيلەرچە «چوڭ تازىلاش» ئېلىپ باردى. دۈشمەن ئارقا سېپى تەدرىجىي ھالدا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتىكى ئاساسلىق جەڭگاھقا ئايلاندى.1944 - يىلى1 - ئايدىن1945 - يىلى8 - ئايغىچە بولغان ۋاقىت ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيىلىك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە دۈشمەن ئارقا سېپىدە، ئازاد رايونلاردىكى جەڭ مەيدانلىرى قىسمەن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتتى.1945 - يىلى8 - ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسى تىنچ ئوكيان جېڭىدە ياپونىيىنى يېڭىپ، ياپونىيە زېمىنىغا قىستاپ كەلدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى ياپونىيىنىڭ ناگاساكى ۋە خىروشىما ئارىلىغا ئىككى ئاتوم بومبىسى تاشلىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا ئەسكەر كىرگۈزدى.8 - ئاينىڭ15 - كۈنى ياپونىيە ھۆكۈمىتى شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى.9 - ئاينىڭ2 - كۈنى ياپونىيە ۋەكىلى تەسلىمنامىگە ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشتى. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى سەككىز يىللىق ئۇرۇشتا، جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئارمىيە ۋە خەلقى ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ300 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى، قورچاق ئارمىيىنىڭ1 مىليون180 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. بىراق، جۇڭگو خەلقىمۇ غايەت زور بەدەل تۆلىدى. تولۇقسىز سىتاتىستكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇرۇشتا جۇڭگو ئارمىيە - خەلقىدىن ئۆلگەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى21 مىليونغا يەتكەن.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki