ئون بەشىنچى ئىيۇل ئەكسىلئىنقىلابى سىياسىي ئۆزگىرىشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1927 - يىلى جياڭ جيېشى «12 - ئاپرېل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئەزەلدىن «سولچىلارنىڭ داھىيسى» دەۋالغان ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ جىڭۋېيمۇ بىردىنلا ئوڭغا بۇرۇلۇپ، ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىنى ئاشكارا باستۇردى ھەمدە كوممۇنىستىك پارتىيىگە ھۇجۇم قىلدى.5 - ئاينىڭ8 - كۈنى ۋۇخەن مىللىي ھۆكۈمىتى ئىشچى - دېھقانلار ئۆمەكلىرىنىڭ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە نامايىش قىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا ئېلان چىقاردى.21 - كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي شۈي كېشياڭغا «مارى ۋەقەسى» نى قوزغاش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى.22 - كۈنى ئۇ يەنە ھەرقايسى جايلارغا «قىزىللاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى چەكلەشكە ھەمدە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە دېھقانلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى، ھەر تەرەپلىمە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كېيىن ۋاڭ جىڭۋېي7 - ئاينىڭ15 - كۈنى ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى.1927
- يىل7 - ئاينىڭ15 - كۈنى ۋاڭ جىڭۋېي سۇڭ چىڭلىڭ قاتارلىق گومىنداڭ سولچىلىرىنىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ۋۇخەندە «كوممۇنىستىك پارتىيىدىن ئايرىلىش يىغىنى» نى چاقىرىپ كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئادا - جۇدا بولغانلىقىنى جاكارلاپ، ئىنقىلابقا ئاشكارا خائىنلىق قىلدى. ۋاڭ جىڭۋېي گۇرۇھى «مىڭ ئادەم بىھۇدە قىرىلسا مەيلىكى، بىر ئادەمنى توردىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ» دېگەن ئەكسىلئىنقىلابىي شۇئارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كوممۇنىستلارنى، ئىنقىلابىي ئاممىنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى ۋە قىرغىن قىلدى. مانا بۇ «15 - ئىيۇل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشىدۇر.
«15 - ئىيۇل» ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىشى بىرىنچى قېتىملىق گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئاخىر بۇزۇلغانلىقىدىن، بىرىنچى قېتىملىق ھەيۋەتلىك ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن دېرەك بەردى.