قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1930 - يىلى12 - ئايدىن1933 - يىلى2 - ئايغىچە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جياڭشىنىڭ جەنۇبى، فۇجيەننىڭ غەربىدىكى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا قارىتا ئارقا - ئارقىدىن تۆت قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئەكسىلئىنقىلابىي «قورشاپ يوقىتىش» ئېلىپ باردى.1930
- يىلى12 - ئايدا جياڭ جيېشى100 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ «بۆلۈنۈپ ئىلگىرىلەپ، بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، ئۇدۇل بۆسۈپ كىرىش» تەك جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەينى چاغدا قىزىل ئارمىيىدە40 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەننى ئالداپ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈشتەك جەڭ قىلىش فاڭجېنىنى قوللاندى.12 - ئاينىڭ ئاخىرىدا دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى جاڭ خۇيزەن ئىككى مۇنتىزىم شىنى باشلاپ جياڭشىنىڭ يۇڭفېڭ ناھىيىسىدىكى لۇڭگاڭ ئەتراپىغا كىرىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى. بىرنەچچە سائەتلىك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق قىزىل ئارمىيە دۈشمەننىڭ9000 ئادىمىنى يوقىتىپ، جاڭ خۇيزەننى تۇتۇۋالدى. كەينىدىنلا قىزىل ئارمىيە نىڭدۇنىڭ دۇڭشياۋ دېگەن يېرىدە دۈشمەننىڭ بىر شىسىنىڭ يېرىمىنى يوقاتتى. قىزىل ئارمىيە بەش كۈن ئىچىدە ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ1 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى.1931
- يىلى5 - ئايدا جياڭ جيېشى200 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ تۆت يولغا بۆلۈنۈپ مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە30 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئاساسىي كۈچىنى توپلاپ ئاۋۋال ئاجىز دۈشمەنگە زەربە بېرىش، ھەرىكەت ئۈستىدە دۈشمەننى بىر - بىرلەپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك جەڭ قىلىش فاڭجېنىنى قوللاندى.5 - ئاينىڭ16 - كۈنىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە15 كۈندە700 چاقىرىم يول يۈرۈپ، بەش قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ دۈشمەننىڭ30 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ،20 نەچچە مىڭ تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، دۈشمەننىڭ2 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى.1931
- يىلى7 - ئايدا جياڭ جيېشى ئۆزى باش قوماندان بولۇپ300 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، نەچچە ئونلىغان ئايروپىلاننى سەپلەپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا3 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە، دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاجىز نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىش، غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ يوقىتىشتەك ئۇرۇش فاڭجېنىنى قوللاندى، قىزىل ئارمىيە بۇيرۇققا بىنائەن دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ئۈچ شىسىنى يوقاتتى. گومىنداڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تېپىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولغاندا، قىزىل ئارمىيە ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ، ئاز بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى ئەۋەتىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ، ئېگىز ھەم تىك تاغلار ئارىسىدا ئۇياق - بۇياققا ئايلىنىپ يۈرۈپ دۈشمەن قوشۇنىنى ھاردۇرۇپ ھالسىرىتىۋەتتى.10 - ئايدا جياڭ جيېشى ئامالسىز چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. قىزىل ئارمىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ يەنە بىر قىسىم ئادىمىنى يوقاتتى. بۇ قېتىمقى «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا قىزىل ئارمىيە جەمئىي30 نەچچە مىڭ دۈشمەننى يوقىتىپ،10 مىڭ دانىدىن كۆپرەك مىلتىق غەنىيمەت ئالدى.1933
- يىلى2 - ئايدا جياڭ جيېشى50 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارغا4 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە جۇ ئېنلەي، جۇ دېلارنىڭ قوماندانلىقىدا، شەرقتىن شەپە بېرىپ غەربتىن ھۇجۇم قىلىش، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ دۈشمەنگە يوشۇرۇن زەربە بېرىشتەك ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېننى قوللاندى.2 - ئاينىڭ27 - كۈنى دۈشمەننىڭ ئىككى شىسى يىخۇاڭ ناھىيىسىنىڭ خۇاڭبېي رايونىدىكى يوشۇرۇن زەربە بېرىش چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىن قىزىل ئارمىيە تۇيۇقسىز شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئىككى كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تولۇق يوقىتىپ، بۇ ئىككى شىسىنىڭ كوماندىرلىرىنى تىرىك تۇتتى. دۈشمەننىڭ ياردەمگە كەلگەن ئىككى شىسىنىڭ يەنە بىرىمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن يوقىتلدى. قىزىل ئارمىيە غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىپ،4 - قېتىملىق ئەكسىلئىنقىلابىي «قورشاپ يوقىتىش» نى تارمار قىلدى.4
- قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا بىلەن فۇجيەن - جېجياڭ - جياڭشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىزىل ئارمىيە راۋاجلىنىپ 300 مىڭ كىشىگە يەتتى.