UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلاريەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى

يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى يەنە «2 - قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جياڭ جيېشىنىڭ ئەكسلئىنقىلابىي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرغان بۇ ئىنقىلابىي ئۇرۇش1927 - يىلى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار ئەكسلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا باشلىنىپ،1937 - يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ئاياغلاشتى.1927 - يىل8 - ئاينىڭ7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى خەنكۇدا جىددىي يىغىن ئېچىپ،1 - قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى تەجرىبە - ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، يەر ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ۋە گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قوراللىق قارشى تۇرۇش باش فاڭجېنىنى بېكىتتى.10 - ئايدا ماۋ زېدۇڭ كۈزلۈك يىغىم قوزغىلىڭىغا قاتناشقان قوشۇنلارنى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە چىقىپ تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قۇرۇپ، يېزىلار ئارقىلىق شەھەرلەرنى قورشاش، ئاخىردا ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىش يولىنى ئاچتى.1928 - يىلى4 - ئايدا جۇ دې، چېن يى قاتارلىقلار نەنچاڭ قوزغىلىڭىغا قاتناشقان بىر قىسىم قوشۇننى باشلاپ جىڭگاڭشەنگە كېلىپ، ماۋ زېدۇڭ رەھبەرلىكىدىكى جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ1 - شىسى بىلەن ئۇچرىشىپ، جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسىنى تەدرىجىي كېڭەيتتى.1933 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ100 نەچچە قېتىملىق قوراللىق قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلىپ،10 نەچچە ئىنقىلابىي تايانچ بازا بەرپا قىلدى. ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردا كوممۇنىستىك پارتىيە زوراۋان پومېشچىكلارغا زەربە بېرىپ، يەرلەرنى تەقسىم قىلىش ئىنقلابىي كۈرىشىنى قانات يايدۇردى.1928 - يىلى12 - ئايدا جۇڭگو تارىخىدا فېئوداللىق يەر مۈلۈكچىلىكىنى تۇنجى بولۇپ ئۈزۈل - كېسىل يوقاتقان «جىڭگاڭشەن يەر قانۇنى» نى ئېلان قىلدى.1931 - يىلى11 - ئايدا جياڭشىدىكى رۇيجىندا جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى، بۇ، گومىنداڭ ھاكىمىيىتى بىلەن قارشىلىشىدىغان خەلق ھاكىمىيىتى ئىدى. يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى تەۋرىتىپ قويدى.1930 - يىلى قىشتىن1931 - يىلى كۈزگىچە گومىنداڭ ئارمىيىسى جياڭشى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ئۈچ قېتىم كەڭ كۆلەملىك «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمى قوزغىدى، بىراق ھەممىسىدىلا مەغلۇپ بولدى.1933 - يىلى2 - ئايدا يەنە4 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمى قوزغىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسى «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى تۇرۇش جەريانىدا كۈنسېرى قۇدرەت تېپىپ، سانى300 مىڭغا يەتتى.1933 - يىلى10 - ئايدا جياڭ جيېشى يەنە ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارغا قارشى5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ئېلىپ باردى.1934 - يىلى10 - ئايدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئىستراتېگىيىلىك يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولۇپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى. باشقا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى قىزىل ئارمىيىمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى. ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، ماۋ زېدۇڭنىڭ پۈتۈن پارتىيىدىكى رەھبەرلىك ئورنى تىكلەندى. قىزىل ئارمىيە گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ قورشاش، قوغلاپ زەربە بېرىش، توسۇشلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،1935 - يىلى10 - ئايدا ئۇزۇن سەپەرنى غەلىبىلىك تاماملىدى. ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقنى جىددىيلەشتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بەرپا قىلىش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.1936 - يىلى12 - ئايدا شىئەن ۋەقەسى تىنچ ھەل قىلىنىپ، گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ2 - قېتىملىق ھەمكارلىقى ئەمەلگە ئاشتى.1937 - يىلى «7 - ئىيۇل» ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو ئىشچى - دېھقانلار قىزىل ئارمىيىسىدىن تەشكىللەنگەن8 - ئارمىيە بىلەن يېڭى4 - ئارمىيە يېپيېڭى قىياپەتتە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇلۇغۋار ئۇرۇشقا ئاتلاندى، يەر ئىنقىلابى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار