خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
«دۇڭگۇ دېڭىز جېڭىدە ئاسمانۇ - زېمىن تۈتەككە تولدى، توپ ئوقلىرى لەرزىدىن كېمىلەر ئۆرۈلدى، چۆكتى.» بۇ، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىكى خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى ئىدى.1894
- يىل9 - ئاينىڭ17 - كۈنى چۈشتە چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىمالىي دېڭىز فلوتى يالۇجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىكى دادۇڭگۇدا دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، قايتىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، غەربىي جەنۇبتىكى دېڭىز يۈزىدە ئامېرىكا دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان دېڭىز فلوتىنىڭ ئۆزلىرىگە قاراپ تېز سۈرئەتتە كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. دېڭىز ئارمىيە ياساۋۇلى دىڭ رۇچاڭ شۇ ھامان پاراخوتلارنىڭ جەڭگە تەييارلىنىپ سەپ تارتىپ تۇرۇشى توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى. ئامېرىكا بايرىقى ئېسىلغان12 ھەربىي پاراخوتتىن تەشكىللەنگەن فلوت يېقىنلاشقاندىن كېيىن، بىردىنلا بايرىقىنى ياپونىيە دۆلەت بايرىقىغا ئالماشتۇردى ھەمدە سەپ تۈزۈپ شىمالىي دېڭىز فلوتىنى توپقا تۇتتى، شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو - ياپونىيە خۇاڭخەي دېڭىز ئۇرۇشى پارتلىدى.
جەڭ باشلىنىپلا شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ ياساۋۇلى دىڭ رۇچاڭ يارىلاندى. «دىڭيۈەن» ناملىق بايراقدار پاراخوتنىڭ باشلىقى ليۇ بۇچەن ئۇنىڭ ئورنىدا جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. شىددەتلىك جەڭدە شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ «جىيۈەن» ناملىق پاراخوتىغا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ قىڭغىيىپ قالدى، ئوق - دورا تۈگىگەندىن كېيىن پاراخوت باشلىقى دېڭ شىچاڭ پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ «جىيې» ناملىق ئاساسلىق ھەربىي پاراخوتىغا قاراپ شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەپ دۈشمەن پاراخوتى بىلەن بىللە تۈگەشمەكچى بولدى. بەختكە قارشى دۈشمەننىڭ سۇ مىناسى تېگىپ پاراخوتتىكى250 نەچچە كىشى قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. «جىڭيۈەن» ناملىق پاراخوتقا زەمبىرەك ئوقى تېگىپ ئوت كەتتى. ئۇ دۈشمەن پاراخوتىغا قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقاندا، يەنە سۇ مىناسى تەگدى. پاراخوت ئاستا - ئاستا چۆكۈپ كېتىۋاتقاندا، پاراخوت باشلىقى لىن يۇڭشىڭ ۋە لەشكەرلەر يەنىلا سالماقلىق بىلەن تاكى پاراخوت چۆكۈپ كەتكەنگە قەدەر دۈشمەن پاراخوتىنى توپقا تۇتتى. «جېنيۈەن» ناملىق پاراخوتنىڭ پاراخوت باشلىقى لىن تەيسېڭ ياپونىيە فلوتىنىڭ «سۇڭداۋ» ناملىق بايراقدار پاراخوتىنى توپقا تۇتۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، «سۇڭداۋ» ناملىق پاراخوتتىكى ئوق - دورىلارنى پارتلىتىپ100 نەچچە دۈشمەننى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، دېڭىز ئۇرۇشى بەش سائەت داۋاملاشتى، ياپونىيىنىڭ «سۇڭداۋ» ناملىق بايراقدار پاراخوتى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى. »جىيې« ناملىق پاراخوتىنىڭمۇ پەقەت جازىسىلا قېپقېلىپ، جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى. ياپونىيە دېڭىز فلوتى شىمالىي دېڭىز فلوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ھېچقانداق نەپكە ئېرىشەلمىگەچكە جەڭدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى.
خۇاڭخەي دېڭىزى ئۇرۇشى ناھايىتى شىددەتلىك ئېلىپ بېرىلدى، بۇنداق جەڭ دۇنيا يېقىنقى زامان دېڭىز ئۇرۇشى تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدۇ. ئۇرۇشتا ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بەش ھەربىي پاراخوتى ئېغىر زەخىملىنىپ،600 دىن ئارتۇق ئەسكىرى ئۆلدى ياكى يارىلاندى. جۇڭگو شىمالىي دېڭىز فلوتىنىڭ بەش ھەربىي پاراخوتى زىيانغا ئۇچرىدى. مىڭغا يېقىن ئادىمى ئۆلدى ياكى يارىلاندى. ئۇرۇشتىن كېيىن لى خۇڭجاڭ شىمالىي دېڭىز فلوتىغا ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا كىرىپ پاناھلىنىشنى بۇيرۇپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە ئىككى قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن شىمالىي دېڭىز فلوتى ئاخىر ھالاك بولدى.