UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارشىمال مىلىتارىستلىرى

شىمال مىلىتارىستلىرى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىن مىنگونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىگىچە، جياڭسۇنىڭ شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى شەندۇڭ، جىلى (بۈگۈنكى خېبېي)، فېڭتيەن (بۈگۈنكى لياۋنىڭ) قاتارلىق ئۆلكىلەر شىمال، جياڭسۇنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر جەنۇب دەپ ئاتىلاتتى.1870 - يىلى (تۇڭجىنىڭ9 - يىلى) چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شىمالىي دېڭىز سودا - ئالاقە ۋەزىرى تەسىس قىلىپ، ئۇنى شىمالىي دېڭىز ۋەزىرى دەپ ئاتاپ، جىلى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ سودا - ئالاقە، چەت ئەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت، قوشۇمچە دېڭىز مۇداپىئە ۋە «چەت ئەل ئىشلىرى» قاتارلىقلارنى باشقۇردى.1895 - يىلى جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشىدىن كېيىن، يۈەن شىكەي پەرمانغا بىنائەن تيەنجىندىكى شياۋجەندە «يېڭى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى» نى قۇرۇپ، شىمالىي دېڭىز ۋەزىرلىكىنىڭ بىۋاسىتە قوماندانلىقىغا تەۋە قىلدى.1901 - يىلى يۈەن شىكەي جىلى ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە، قوشۇمچە شىمالىي دېڭىز ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىنىپ، «شىمالىي دېڭىز دائىمىي زاپاس ئارمىيىسى» (شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسى) نى قۇردى.1905 - يىلى گۇاڭشۈينىڭ31 - يىلى( غا كەلگەندە شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسى قوشۇنى ئالتە فلوتقا )دېۋىزىيىگە تەڭ( يەتتى، شۇنىڭ بىلەن شىمال مىلىتارىستلار گۇرۇھى شەكىللەندى. يۈەن شىكەي شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسىگە تايىنىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندى، شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى تارتىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ قولچوماقلىرىنى يېتىشتۈردى، شىمالىي دېڭىز ئارمىيىسىنى جان - جەھلى بىلەن كېڭەيتىپ، مەركىزىي ھاكىمىيەتنى كونترول قىلىدىغان ھەربىي گۇرۇھقا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى باشلاندى. يۈەن شىكەي ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە شىمال مىلىتارىستلىرى كۆرۈنۈشتە بىرلىككە كەلگەنىدى،1916 - يىلى يۈەن شىكەي كېسەل بولۇپ ئۆلگەندىن كېيىن بۆلۈنۈشكە باشلىدى. شىمال مىلىتارىستلىرى ئىچىدىكى ئەمەلىي كۈچى خېلى كۈچلۈكلىرى جىلى سىستېمىسى، ئەنخۈي سىستېمىسى ۋە فېڭتيەن سىستېمىسى ئىدى. جىلى سىستېمىسى ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىغا، ئەنخۇي سىستېمىسى بىلەن فېڭتيەن سىستېمىسى ياپونىيىگە تايىناتتى. ھەرقايسى مىلىتارىستلار گۇرۇھى ئۆزئارا ھوقۇق تالىشىپ قالايمىقان ئۇرۇش قىلدى، بۇنىڭغا1920 - يىلىدىكى جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى،1922 - يىلىدىكى جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى،1924 - يىلىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى قاتارلىقلارنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شىمال مىلىتارىستلار ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدىكى يىللاپ ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار جۇڭگو خەلقىگە ئېغىر بالايىئاپەت كەلتۈردى، دۆلەتمۇ چاك - چېكىدىن يىمىرىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. خەلق شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.1926 - يىلىدىن1927 - يىلىغىچە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە شىمالغا يۈرۈش قىلدى.1928 - يىلى فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يوقالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
شىمال مىلىتارىستلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki