خۇبېي قوشۇنى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1853 - يىلى (شيەنفېڭنىڭ3 - يىلى) نىڭ بېشىدا، تەمىرات پىرقىسىنىڭ دىۋان بېگى لۈي شيەنجى پەرمانغا بىنائەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ قوشۇن مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلىنىپ، ئەنخۇيدا قوشۇن تەشكىللەش ئىشىغا نازارەتچىلىك قىلدى ھەمدە لى خۇڭجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلارنى بېجىرىشىگە ياردەملەشتى. كېيىن لۈي شيەنجى تەيپىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، لى خۇڭجاڭمۇ كۆپ قېتىم مەغلۇپ بولۇپ، ئاخىر زېڭ گوفەننىڭ پاناھلىقىغا ئۆتتى.1861 - يىلى زېڭ گوفەن لى خۇڭجاڭنى ئۆز يۇرتى ئەنخۇيغا قايتىپ بېرىپ قوشۇن تەشكىللەشكە كۆرسەتتى، لى خۇڭجاڭ خۇبېينىڭ جەنۇبىدىكى خېفېي، ليۇ ئەن قاتارلىق جايلاردا ليۇ مىڭچۇەن، پەن دىڭشىن، جاڭ شۇشېڭ، جۇ شېڭبو، ۋو چاڭچىڭ قاتارلىقلارنىڭ قوشۇنىنى يىغىپ قوراللىق قوشۇن تەشكىللىدى. قوشۇن خۇنەن قوشۇنىدىن ئۆرنەك ئېلىپ قۇرۇلدى. خۇبېي قوشۇنى تەشكىللەنگەن دەسلەپكى مەزگىلىدە7000 دىن ئارتۇق ئادەم توپلاندى. كېيىن ئەجنەبىيلەرنىڭ مىلتىق - زەمبىرەكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە ئەگىشىپ قوشۇن شتاتىمۇ ئۆزگىرىپ، ئەجنەبىيچە مىلتىقلىقلار ئەترىتى، زەمبىرەك ئەترىتى قاتارلىقلار تەسىس قىلىندى.1862
- يىلى(تۇڭجىنىڭ1 - يىلى) خۇبېي قوشۇنى زېڭ گوفەننىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئەنچىڭدىن شاڭخەيگە كېلىپ، تەيپىڭ قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلدى. تەيپىڭ قوشۇنىنى باستۇرۇش جەريانىدا لى خۇڭجاڭ خۇبېي قوشۇنىنى ئەجنەبىيلەرنىڭ قورال - ياراغلىرى بىلەن كۆپلەپ قوراللاندۇردى ھەمدە قوشۇنغا ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوفىتسېرلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، قوراللاندۇرۇش ۋە مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق تەدرىجىي ھالدا60 -70 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا تەرەققىي قىلدۇردى.1866 - يىلىدىن1868 - يىلىغىچە خۇبېي قوشۇنى شەندۇڭ، خېنەن، خۇبېي، جياڭسۇ ۋە جىلى (بۈگۈنكى خېبېي) ئەتراپلىرىدا شەرقىي، غەربىي نيەنجۈن قوشۇنىنى باستۇردى.
خۇبېي قوشۇنىدا ئاساسلىق سەركەردىلەردىن جاڭ شۇشېڭ، ليۇ مىڭچۇەن، جۇ شېڭبو، پەن دىڭشىن، ۋۇ چاڭچىڭ، دىڭ رۇچاڭ، يې جىچاۋ، نيې شىچىڭ قاتارلىقلار بار بولۇپ، پۈتكۈل ئارمىيە لى خۇڭجاڭنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇناتتى، بۇلار خۇبېي مىلىتارىستلار گۇرۇھى بولۇپ شەكىللىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم قوراللىق سىياسىي كۈچكە ئايلاندى.1872 - يىلى لى خۇڭجاڭ جىلى ئۆلكىسىنىڭ باش مۇپەتتىشلىكىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن، قوشۇن ئوفىتسېرلىرىنى گېرمانىيىگە ئوقۇشقا ئەۋەتىپ، قوشۇنىنى ئەجنەبىيچە قورال - ياراغلار بىلەن يەنىمۇ قوراللاندۇردى ۋە ئەجنەبىيچە تۈزۈم بىلەن مەشىقلەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تيەنجىندە شىمالىي دېڭىز ھەربىي مەكتىپىنى قۇرۇپ، دۇەن چىرۇي، فېڭ گوجاڭ، ۋاڭ شىجېن، دۇەن جىگۇي، جاڭ خۇەيجى، ساۋ كۇن قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەجنەبىيچە سانغۇنلارنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈپ، شىمال مىلىتارىستلار گۇرۇھىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى، جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشلىرىدا خۇبېي قوشۇنى ئارقا - ئارقىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ كۈنسېرى ئاجىزلاشقانلىقتىن، يۈەن شىكەينىڭ يېڭى قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى خۇبېي قوشۇنىنىڭ ئورنىنى ئالدى.