UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارئون سەككىزىنچى سىنتەبىر ۋەقەسى

ئون سەككىزىنچى سىنتەبىر ۋەقەسى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسى —1931 - يىل9 - ئاينىڭ18 - كۈنى ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىنى قورال كۈچى بىلەن بېسىۋالغان ۋەقە.1931 - يىل9 - ئاينىڭ18 - كۈنى كېچىدە ياپونىيىنىڭ جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرۇشلۇق كانتون ئارمىيىسى ئالدىنئالا پۇختا پىلانلاش ئارقىلىق مۇھاپىزەتچى قىسىم ئەۋەتىپ، جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولىنىڭ شېنياڭ ئەتراپىدىكى ليۇتياۋخۇ بۆلىكىدىكى رېلىسنى پارتلىتىۋەتتى، ئاندىن جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى جەنۇبىي مانجۇرىيە تۆمۈريولىنى بۇزۇۋېتىپ ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ مۇھاپىزەتچى قىسمىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلدى، دەپ ئىغۋا تارقاتتى ھەمدە مۇشۇنى باھانە قىلىپ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى تۇرۇۋاتقان شىمالىي گازارمىنى توپقا تۇتۇپ شېنياڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالىغا قوراللىق تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى قوزغىدى. ۋەقەدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئەسكەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى جياڭ جيېشىنىڭ «قەتئىي قارشى تۇرماسلىق» بۇيرۇقىغا ئەمەل قىلىپ، شەنخەيگۇەننىڭ جەنۇبىغا ئۆزلۈكىدىن چېكىنىپ كەتتى. ياپونىيە ئارمىيىسى شىمالىي گازارما ۋە شېنياڭ شەھىرىنى بىر كېچىدىلا ئىشغال قىلىۋالدى، ئەتىسى يەنە چاڭچۇننى بېسىۋالدى. جياڭ جيېشى شەرقىي شىمال ئارمىيىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، قەتئىي قارشىلىق كۆرسەتمەسلىك توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،190 نەچچە مىڭ كىشىلىك شەرقىي شىمال ئارمىيىسىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچكىرىسىگە چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى.1932 - يىل2 - ئاينىڭ5 - كۈنى خاربىننى ئىگىلىگىچە بولغان ئارىلىقتا، ياپونىيە ئارمىيىسى تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدىلا لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ ئۈچ ئۆلكىنى بېسىۋالدى. «18 - سېنتەبر» ۋەقەسىدىن كېيىن، جۇڭگونىڭ1 مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق گۈزەل زېمىنى ۋە سان - ساناقسىز بايلىقلىرى جياڭ جيېشىنىڭ قارشلىق كۆرسەتمەسلىك سىياسىتى تۈپەيلىدىن قولدىن كەتتى.30 مىليون شەرقىي شىمال خەلقى ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا14 يىل ۋەتىنى مۇنقەرز بولغان قۇللاردەك تۇرمۇش كەچۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار