تەيئېرجۇاڭ بىرلەشمە جېڭى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
تەيئېرجۇاڭ بىرلەشمە جېڭى لۇنەن بىرلەشمە جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا شۈيجۇنى قوغداش ئۈچۈن ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى بىلەن ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ جېڭى.1938
- يىلى ئەتىيازدا ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسى جەنۇب - شىمال ئۇرۇش مەيدانىنى بىرلەشتۈرۈش، تيەنجىن - پۇكۇتۆمۈر يولىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھەربىي كۈچنى ئىككى يولغا بۆلۈپ شۈيجۇنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئۇرۇندى.3 - ئايدا، ياپونىيىنىڭ خىللانغان قىسىمى − جىگۇ شىسى شەندۇڭدىن جەنۇبقا تاجاۋۇز قىلىپ، ئايروپىلان، تانكا، زەمبىرەكلەرنىڭ ھىمايىسىدە شۈيجۇنىڭ دەرۋازىسى تەيئېرجۇاڭغا قىستاپ كەلدى. جۇڭگو5 - ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى لى زۇڭرېن ئارمىيىگە قوماندانلىق قىلىپ، جىگۇ شىسىنى تەيئېرجۇاڭدا، يەنە بىر يۆنىلىشتىكى ياپون ئارمىيىسىنى لىنيىدا توسۇۋالدى. ئىككى تەرەپ تەيئېرجۇاڭدا كەسكىن ھەرە تارتىشىش جېڭى قىلدى.3 - ئاينىڭ28 - كۈنى ياپونىيە ئارمىيىسى تۇيۇقسىز تەيئېرجۇاڭنىڭ غەربىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلىپ كىردى. تەيئېرجۇاڭنى ساقلاۋاتقان قىسىم پىدائىيلار ئەترىتى تەشكىللەپ، ياپونىيە ئارمىيىسى بىلەن كەسكىن قۇچاقلاشما جەڭ قىلدى.4 - ئاينىڭ3 - كۈنىدىن كېيىن ئىككى تەرەپ يەنە كوچا جېڭىنى قانات يايدۇردى.
تەيئېرجۇاڭنى ساقلاۋاتقان قىسىم قەيسەرلىك بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەچكە، تاشقى سەپتىكى جۇڭگو ئارمىيىسى تەيئېرجۇاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى قورشاۋغا ئېلىش ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى.4 - ئاينىڭ6 - كۈنى جۇڭگو ئارمىيىسى قورشىۋېلىنغان جىگۇ شىسىغا ھۇجۇم قوزغىدى. تەيئېرجۇاڭنى ساقلاۋاتقان ئارمىيە ئىچىدىن قىستاپ ھۇجۇم قىلدى، ياپونىيە ئارمىيىسى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، شەرمەندىلەرچە قېچىپ كەتتى.
تەيئېرجۇاڭ جېڭىدە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ جەمئىي20 مىڭدىن كۆپرەك ئادىمى يوقىتىلدى.30 نەچچە تانكىسى پاچاقلاپ تاشلاندى.10 مىڭ دانىدىن ئارتۇق مىلتىق غەنىيمەت ئېلىندى. بۇ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئالدىنقى سەپ جەڭ مەيدانىدا قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ غەلىبە ھېسابلىنىدۇ.