UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش

جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا كۆپلىگەن كونا مىلىتارىستلار يوقىتىلدى، بىراق مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋالغان يېڭى مىلىتارىستلار كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىشكە باشلىدى. يېڭى مىلىتارىستلار ئىچىدە، تەسىر دائىرىسى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغانلىرىدىن جياڭ جيېشى، يەن شىسەن، فېڭ يۈيشياڭ ۋە گۇاڭشى گۇرۇھى ئىدى. لى زۇڭرېن بىلەن بەي چۇڭشى گۇاڭشى گۇرۇھىنىڭ كاتتىۋاشلىرى ئىدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش جەريانىدا گۇاڭشى مىلىتارىستلىرى گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، خۇنەن، خۇبېينى كونترول قىلىپلا قالماي، بەلكى تەسىر كۈچىنى تەدرىجىي ھالدا خېبېيغا كېڭەيتتى. جياڭ جيېشى گۇاڭشى گۇرۇھىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۆزىگە تارتىش ۋە پارچىلاش ۋاسىتىلىرىنى قوللاندى. ئۇ، گۇاڭشى گۇرۇھى بىلەن بىرلەشكەن گۇاڭدۇڭ مىلىتارىستى لى جىشىننى نەنجىڭغا ئالداپ ئەكىلىپ نەزەربەند قىلدى ھەمدە ئاستىرتىن قوشۇن ۋە ئوق - دورا ئەۋەتىپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى لۇ دىپىڭنى گۇاڭشى گۇرۇھىغا قارشى تۇرۇشقا قۇتراتتى.1929 - يىلى1 - ئايدا گۇاڭشى مىلىتارىستلىرى ۋۇخەن ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا لۇ دىپىڭنى خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، گۇاڭشى گۇرۇھىدىكى قوماندان خې جيەننى رەئىس قىلدى. جياڭ جيېشى قاتتىق غەزەپكە كېلىپ،3 - ئاينىڭ25 - كۈنى نەنجىڭ مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ نامىدا جازا يۈرۈشى قىلىش بۇيرۇقىنى ئېلان قىلدى. ئۇ ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، ئۈچ جۈن ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ ۋۇخەنگە ھۇجۇم قىلىپ، جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇنلا جياڭ جيېشى خې جيەن بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھىدىكى گېنېرال لى مىڭرۈينى سېتىۋالغانىدى. ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن خې جيەن دەرھال نەنجىڭ ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇنەن ئۇرۇش قىلمايلا جياڭ جيېشىنىڭ قولىغا ئۆتتى. گۇاڭشى گۇرۇھى3 - يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ مۇۋەققەت قوماندانى لى مىڭرۈيمۇ خۇبېي ئالدىنقى سېپىدە يۈز ئۆرۈپ گۇاڭشى گۇرۇھىغا قارشى چىققاچقا، جياڭ جيېشى ۋۇخەننى ئاسانلا ئىگىلىدى. گۇاڭشى قوشۇنى ئالدىراپ - تېنەپ چېكىنىپ، خۇبېينىڭ ئوتتۇرا، جەنۇبىدىكى جايلاردا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا ئۇچرىدى.4 - ئايدا گۇاڭشى قوشۇنى مەغلۇپ بولدى.5 - ئايدا جياڭ جيېشى قوشۇنى خۇنەن، گۇاڭدۇڭدىن گۇاڭشى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلدى.6 - ئايدا لى زۇڭرېن، بەي چۇڭشىلار قېچىپ كەتتى، جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئاياغلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
جياڭ جيېشى بىلەن گۇاڭشى گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش | UyghurWiki | UyghurWiki