UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجېجياڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش

جېجياڭدا ئېلىپ بېرىلغان ئەنگلىيىگە قارشى كۈرەش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار ئەپيۈن ئۇرۇشى مەزگىلىدە،1841 - يىلى1 - ئايدا دىڭخەي ھەربىي قورغىنىنىڭ باش بۇغى گې يۈنفېي بۇيرۇققا بىنائەن ياردەمگە كەلگەن چۇجۇ ھەربىي قورغىنىنىڭ باش بۇغى جېڭ گۇخۇڭ، ئەنخۇي شۇچۇن ھەربىي قورغىنىنىڭ باش بۇغى ۋاڭ شىپېڭ قاتارلىقلار بىلەن بىللە قوشۇن باشلاپ دىڭخەينى قوغدىدى.9 - ئاينىڭ26 - كۈنى ئەنگلىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ30 ھەربىي پاراخوتى2100 دىن كۆپرەك قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەسكىرىنى ئېلىپ دىڭخەيگە يوپۇرۇلۇپ كەلدى، باش بۇغ گې يۈنفېي، جېڭ گۇخۇڭ، ۋاڭ شىپېڭ قاتارلىقلار مۇداپىئەچى قوشۇنغا باشچىلىق قىلىپ، قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسەتتى، بەش كېچە - كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىقىۋاتقان كۆپلىگەن قولۋاقلىرىنى چۆكتۈرۈۋەتتى، «براندى» ناملىق پاراخوتىنى زەخىملەندۈردى. ئاخىردا ياردەمچى قوشۇننىڭ كەملىكى تۈپەيلىدىن گې يۈنفېي قاتارلىقلار توپ ئوقىدا قۇربان بولدى، دىڭخەي قولدىن كەتتى.10 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى جېنخەيگە ھۇجۇم قىلدى. باش بۇغ شيې چاۋئېن جەڭ مەيدانىدا قۇربان بولدى. جاۋباۋشەن زەمبىرەك سۇپىسىنى قوغداۋاتقان جېجياڭ ۋالىيسى يۈي بويۈن جەڭ باشلانمايلا قېچىپ كەتتى. جياڭشى - جياڭسۇ باش ۋالىيسى يۈي چيەن قەتئىي قارشىلىق كۆرسىتىپ، جېنخەي قولدىن كەتكەندىن كېيىن سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى.10 - ئاينىڭ12 - كۈنى ئەنگلىيە ئارمىيىسى نىڭبوغا ھۇجۇم قىلدى. يۈي بويۈن بۇنى ئاڭلاپلا يەنە تىكىۋەتتى، نىڭبو قولدىن كەتتى. جېجياڭدىكى ئۈچ شەھەر ئارقا - ئارقىدىن قولدىن كەتكەندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دەرھال خان جىيەنى يىجىڭنى ھەيۋەتلىك سانغۇنلۇققا تەيىنلەپ، بىرقانچە ئۆلكىدىكى لەشكەرلەرنى توپلاپ، قولدىن كەتكەن رايونلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا ئەۋەتتى. يىجىڭ بېيجىڭدىن جېجياڭغا كەلگۈچە بولغان يول ئۈستىدە ساياھەت قىلىپ ئويناپ يۈردى. جېجياڭغا كەلگەندىن كېيىن لەشكەرلەرنى ئالدىراپ - تېنەپ ئۈچ يولغا بۆلۈپ، نىڭبو، جېنخەي، دىڭخەيلەرگە ھۇجۇم قىلدى، ئەنگلىيە ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسى ئۈچ شەھەرنى قايتۇرۇۋالالمايلا قالماستىن، سىشى دېگەن جاينىمۇ ئەنگلىيە ئارمىيىسىگە تارتقۇزۇپ قويدى. يىجىڭ شۇنىڭدىن ئېتىبارەن خاڭجۇغا بېكىنىۋېلىپ قايتا جەڭ قىلىشقا پېتىنالمىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار