UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارخۇنەن قوشۇنى

خۇنەن قوشۇنى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 19- ئەسىرنىڭ50 - يىللىرىدا چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچى بولغان «يېشىل بارگاھلىق قوشۇن» چىرىكلىشىپ كارغا كەلمەي قالدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بيۇروكرات پومېشچىكلارنىڭ يەرلىك قوشۇن تەشكىللىشىگە رۇخسەت قىلدى.1853 - يىلى (شيەنفېڭنىڭ3 - يىلى) نىڭ بېشىدا مەنسەپ - تۇتۇق پىرقىسىنىڭ دىۋانبېگى زېڭ گوفەن ئۆز يۇرتى خۇنەندە قوشۇن تەشكىللىدى. ئۇ ئەسلىدىكى جۇ سۇنيى، لو زېنەن قاتارلىق يۇرتداشلىرى ئاساسىدا ئەسكەر توپلاپ قوشۇننى بارغانسېرى كېڭەيتتى. خۇنەن قوشۇنى قوشۇن توپلاشتا يۇرتداشلىرى ئىچىدىكى ئىقتىدارلىق كىشىلەرنى ھەر دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرگە قويدى، زېڭ گوفەن ئۆزى بىۋاسىتە سۇ - قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرىنى تەشكىللىدى، خۇنەن قوشۇنىغا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يۇرتداشلىق، جەمەتداشلىق، ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق، يار - بۇرادەرچىلىك، ئۇستاز - شاگىرتلىق مۇناسىۋىتى بولغاچقا، تەشكىلىي تۈزۈم جەھەتتىن زېڭ گوفەننىڭ باش قوماندانلىق ئورنى كاپالەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى خۇسۇسىي قوشۇن خاراكتېرىنى ئالغانىدى.1854 - يىلى خۇنەن قوشۇنىدىكى11 مىڭدىن ئارتۇق سۇ - قۇرۇقلۇق ئەسكەرلىرى مەشىقىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، شياڭتەندە ئۇچرىشىپ جەمئىي23 يىڭ (11 مىڭدىن ئارتۇق) بولۇپ تەشكىللەندى ۋە «باندىتلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش چاقىرىقى» نى ئېلان قىلىپ، تەيپىڭ تيەنگو ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاساسەن خۇنەن، خۇبېي، جياڭشى، ئەنخۇيلاردا جەڭ قىلىپ، ۋۇخەن، جيۇجياڭ، ئەنچىڭ قاتارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارنى تارتىۋېلىپ، چاڭجياڭنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدىن تيەنجىڭ (بۈگۈنكى نەنجىڭ) غا قىستاپ كېلىپ، تەيپىڭ قوشۇنىنى كۆپ قېتىم مەغلۇپ قىلدى.1864 - يىلى (تۇڭجىنىڭ3 - يىلى) خۇنەن قوشۇنىنىڭ تيەنجىڭنى ئېلىشى بىلەن تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولدى. تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى باستۇرۇش جەريانىدا خۇنەن قوشۇنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. بىراق تيەنجىڭنى ھۇجۇم قىلىپ ئالغاندىن كېيىن چىرىكلىشىشكە باشلىدى. زېڭ گوفەن، زېڭ گوچۈەن ئاكا - ئۇكىلار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەسەت قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،25 مىڭ ئەسكەرنى قىسقارتىپ10 مىڭ ئەسكەرنى نەنجىڭنى قوغداشقا،15 مىڭ ئەسكەرنى شىمالىي، جەنۇبىي ئەنخۇيلاردا پارتىزانچە جەڭ قىلىشقا قالدۇردى. كېيىن داۋاملىق ئەنخۇي، جياڭشى، جېجياڭ، جياڭسۇ قاتارلىق جايلاردىكى نيەنجۈن قوشۇنىنى باستۇردى. يەنە قوشۇننى بۆلۈپ، شەنشى - گەنسۇدىكى خۇيزۇ قوشۇنى ۋە گۇيجۇدىكى مياۋزۇ قوشۇنلىرىنى باستۇردى. خۇنەن قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق سەركەردىلىرى زو زۇڭتاڭ، ليۇ چاڭيۇ، زېڭ گوچۈەن، ليۇ كۇن قاتارلىقلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ باش ھەربىي ۋالىيلىققا تەيىنلىنىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى مۇھىم قوراللىق سىياسىي گۇرۇھقا ئايلاندى. خۇنەن قوشۇنى جۇڭگودىكى بيۇروكرات مىلىتارىستلارنىڭ دەسلەپكى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگودا مىلىتارىستلارنىڭ شەكىللىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
خۇنەن قوشۇنى | UyghurWiki | UyghurWiki