UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارچاڭپىڭ جېڭى

چاڭپىڭ جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار كىشىلەر دائىم ئەمەلىي ئىش قىلماي، قۇرۇق گەپ ساتىدىغانلارنى «ئاغزىدا شەھەر ئالماق» دېگەن ماقال ئارقىلىق مەسخىرە قىلىدۇ. بۇ ماقال «چاڭپىڭ جېڭى» دىكى جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاۋ كودىن قالغان. يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى، يەنى مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى262 - يىلى چىن جاۋۋاڭ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ بەگلىكتىكى بارلىق لەشكەرلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، ياشانغان سانغۇن ليەن پونىڭ قوماندانلىقىدا چىن بەگلىكىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن چاڭپىڭدا (ھازىرقى سەنشىدىكى گاۋپىڭنىڭ غەربىي شىمالىدا) جەڭ قىلدى. ليەن پو نۇرغۇن جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، چارە - تەدبىرلىك سانغۇن بولغاچقا، چىن بەگلىكى كۈچلۈك، جاۋ بەگلىكى ئاجىز ئەھۋالدا مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىپ، ئىستىھكامنى چىڭ ساقلاپ جەڭگە ئاتلانمىدى. ئىككى قوشۇن چاڭپىڭدا ئۇزاققىچە تىركىشىپ، يېڭىش - يېڭىلىش ئايرىلمىدى. كېيىن چىن بەگلىكى بىر ئامال تېپىپ، نۇرغۇن ئالتۇن بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ جاۋ بەگلىكىنىڭ ھوقۇقدار ۋەزىرىگە پارا بەردى ھەمدە تەرەپ - تەرەپكە: «ليەن پو قېرىپ كەتتى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. چىن بەگلىكى قوشۇنلىرى جاۋ كودىن ئەڭ قورقىدۇ، جاۋ كو ئەمىرلەشكەر بولسا، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنى نەس باسىدۇ» دەپ سۆز - چۆچەك تارقاتتى. جاۋ بەگلىكىنىڭ بېگى شياۋ چېڭ بۇ سۆز - چۆچەكلەردىن قايمۇقۇپ، ۋەزىرلەرنىڭ تاللىشى بىلەن ليەن پونىڭ ئورنىغا جاۋ كونى ئەمىرلەشكەرلىككە تەيىنلىدى. جاۋ كو ئۇلۇغ سانغۇن جاۋ شېنىڭ ئوغلى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپ لەشكىرىي دەستۇرلارنى پىششىق ئوقۇغانىدى. ھەربىي تەدبىر توغرىسىدا سۆز قىلسا ھەممىنى بېسىپ چۈشەتتى، ھەتتا دادىسىمۇ ئۇنىڭغا يەتمەيتتى. لېكىن جاۋ شې ئوغلىنىڭ ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغانلىقىنى پىششىق بىلگەچكە، ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا: «جاۋ كو قوشۇن باشلاپ جەڭ قىلىشقا يارىمايدۇ، ئەگەر ئۇ قوشۇنغا قوماندانلىق قىلسا، جاۋ بەگلىكى چوقۇم ئۇنىڭ قولىدا ھالاك بولىدۇ» دېگەنىدى. جاۋ كو چاڭپىڭغا كېلىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ليەن پونىڭ يولىغا قارشى يول تۇتۇپ، مۇداپىئەنى ھۇجۇمغا ئۆزگەرتىپ، قوشۇن باشلاپ زور كۆلەمدە ھۇجۇمغا ئۆتتى. چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئەمىرلەشكىرى بەي چى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دەرھال يالغاندىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. بۇنىڭ توزاق ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن جاۋ كو غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئىستىھكامىغىچە ھۇجۇم قىلىپ باردى. بۇ چاغدا چىن بەگلىكىنىڭ ئىككى تارماق ئاتلىق لەشكەرلىرى جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ، جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنىڭ ئاشلىق توشۇش يولى ۋە چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، جاۋ بەگلىكى قوشۇنلىرىنى قورشىۋالدى. جاۋ كو قوشۇننى تۆتكە بۆلۈپ، ئارقا - ئارقىدىن شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. ئاخىر جاۋ كو شەخسەن ئۆزى خىللانغان لەشكەرلەرنى باشلاپ جەڭگە چىققاندا، چىن بەگلىكى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. جاۋ بەگلىكى قوشۇنى46 كۈن قورشاۋدا قېلىپ، باش سانغۇنىدىن ئايرىلىپ، ئاشلىقى پۈتۈنلەي تۈگەپ، قوشۇندىكىلەر پاتىپاراق بولۇپ كەتكەچكە، پۈتكۈل قوشۇن تەسلىم بولدى. بەي چى تەسلىم بولغان جاۋ بەگلىكى لەشكەرلىرىنىڭ پۇرسەت تېپىپ توپىلاڭ كۆتۈرۈشىدىن ئەنسىرەپ،400 مىڭ ئۇرۇش ئەسىرىنىڭ ھەممىسىنى تىرىك كۆمدى. چاڭپىڭ جېڭى جاۋ بەگلىكىنىڭ450 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇنىنى نابۇت قىلىپ، جاۋ بەگلىكىنىڭ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شەرقتىكى ئالتە بەگلىكنىڭ ئىچىدە ھېچقايسىسى قۇدرەتلىك چىن بەگلىكى بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرالمايدىغان بولدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار