UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارشىنيۇ سىياسىي ئۆزگىرىشى

شىنيۇ سىياسىي ئۆزگىرىشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار شىنيۇ سىياسىي ئۆزگىرىشى سىشى تەيخۇ قاتارلىقلار1861 - يىلى (شيەنفېڭنىڭ11 - يىلى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە شىنيۇ يىلى) ئوردىدا قوزغىغان بىر قېتىملىق ئوردا سىياسىي ئۆزگىرىشى بولۇپ، چىشياڭ ئۆزگىرىشى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شيەنفېڭ خان دەۋرىدە يېچىنۋاڭ زەيتەن، جېڭچىنۋاڭ دۇەن خۇا ۋە چوڭ ئۆلىما نوپۇس پىرقىسىنىڭ دىۋانبېگى سۇ شۇن قاتارلىقلار ئەمەلىي ھوقۇقنى ئىگىلىۋېلىپ، گۇڭچىنۋاڭ يىشىن قاتارلىقلار بىلەن پۇت تېپىشتى.1861 - يىل8 - ئاينىڭ22 - كۈنى شيەنفېڭ خان رېخې (بۈگۈنكى چېڭدې) دا كېسەل بىلەن ئۆلدى. زەيتەن، دۇەن خۇا، سۇ شۇن ۋە شىغاۋۇل پىرقىسىنىڭ ۋەزىرى جىڭشۇ، شۇنداقلا ھەربىي ئىشلار ۋازارىتىنىڭ ۋەزىرلىرىدىن مويىڭ، كۇاڭ يۈەن، دۇ خەن، جياۋ يۇيىڭ قاتارلىق سەككىز كىشى «ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ياردەملەشكۈچى» دېگەن نام بىلەن گۆدەك ۋەلىئەھد زەيچۈننى تەختكە چىقىرىپ نائىبلىق قىلدى. كېلەر يىلى يىلنامىنى چىشاڭ دەپ ئۆزگەرتىشنى بېكىتتى. زەيچۈننىڭ ئۆز ئانىسى يىخې نارا خان ئايىملىقتىن خان ئانىسى مەرتىۋىسىگە كۆتۈرۈلۈپ «سىشى تەيخۇ» دېگەن ھۆرمەت نامىغا ئېرىشتى. سىشى ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، باشقىلارغا، خان ئانىسىنىڭ «پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى» نى تەلەپ قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بەرگەندە، زەيتەن، دۇەن خۇا، سۇ شۇن قاتارلىقلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى. ئۇ يەنە شەرقىي ئوردىدىكى سىئەن خان ئانىسىنى سەككىز نائىب ۋەزىر بىلەن ھوقۇق تالىشىشقا كۈشكۈرتتى ھەمدە ئاستىرتىن بېيجىڭدىكى گۇڭچىنۋاڭ يىشىن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋالدى.9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن يىشىن سەككىز نائىب ۋەزىرنىڭ قاتتىق توسۇشىغا قارىماستىن رېخېغا كېلىپ ئىككى خان ئانىسى بىلەن سىياسىي ئۆزگىرىش قىلىشنى مەخپىي پىلانلاپ، دەرھال بېيجىڭغا قايتىپ ئورۇنلاشتۇرۇشقا كىرىشتى. يىشىن بېيجىڭدا ئوردا ئۆلىماسى جيا جېن، جۇ زۇپېي، نوپۇس پىرقىسىنىڭ ۋەزىرى شېن جاۋلىن، زىندان پىرقىسىنىڭ ۋەزىرى جاۋ گۇاڭ، شۇنداقلا ئەمەلىي ھەربىي كۈچكە ئىگە سىڭگى لىنچىن، شېڭ باۋ قاتارلىقلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.12 - ئاينىڭ26 - كۈنى ئىككى خان ئانىسى پادىشاھ زەيچۈننى ئېلىپ پايتەختكە قايتتى. سۇ شۇن قاتارلىقلار شيەنفېڭ خاننىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىپ ئارقىدىن يولغا چىقتى.11 - ئاينىڭ1 - كۈنى سىشى بېيجىڭغا كېلىپ، دەرھال يىشىن ۋە باشقا ئىشەنچلىك يېقىن ۋەزىرلىرىنى چاقىرىپ كۆرۈشتى. ئەتىسىلا سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، زەيتەن قاتارلىق سەككىز نائىب ۋەزىرنىڭ ھوقۇقىنى ئېلىپ تاشلىدى. بىرنەچچە كۈندىن كېيىن زەيتەن، دۇەن خۇا، سۇ شۇن قاتارلىقلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىپ، قالغان بەش ۋەزىرنىڭ خىزمىتىنى بىكار قىلدى ياكى چېگرىغا سۈرگۈن قىلدى. يىلنامىنى «چىشاڭ» دىن «تۇڭجى» غا ئۆزگەرتىپ، يىشىننى نائىب شاھ قىلىپ تەيىنلەپ، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلارنى ۋە زۇڭلى يامۇلىنى باشقۇرۇشقا قويدى. ئىككى خان ئانىسى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سىشى تەيخۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەڭ ئالىي ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى40 نەچچە يىل ئىگىلىدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار