UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى

جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1894 - يىلى (گۇاڭشۈينىڭ20 - يىلى) باھاردا، چاۋشيەندە دوڭشۆ پىرقىسى قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلدى. چاۋشيەن پادىشاھى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن ئەسكەر چىقىرىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا ياردەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ياپونىيە چاۋشيەننى بېسىۋېلىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشيەندىكى ياپونىيە مۇھاجىرلىرىنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاۋشيەنگە ئەسكەر چىقاردى. دوڭشۆ پىرقىسى قوزغىلىڭى تىنچىتىلغاندىن كېيىن، چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملىشىشقا يۈزلەندى، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ياپونىيىگە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كېتىش تەكلىپىنى بەردى، بىراق، ياپونىيە بۇنى رەت قىلدى.7 - ئاينىڭ25 - كۈنى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى چاۋشيەننىڭ ئاسان ئېغىزى سىرتىدىكى فېڭداۋ ئارىلىنىڭ دېڭىز يۈزىدە جۇڭگونىڭ ترانسپورت پاراخوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى8 - ئاينىڭ1 - كۈنى نائىلاج ياپونىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى، شۇ يىلى جۇڭگونىڭ دېھقانلار كالېندارى بويىچە جياۋۇ يىلى بولغاچقا، بۇ ئۇرۇش «جياۋۇ ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى.9 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ياپونىيە ئارمىيىسى پيوڭياڭغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ باش بۇغى زو باۋگۇي ئەسكەر باشلاپ پىداكارلىق بىلەن جەڭ قىلىۋېتىپ، بەختكە قارشى زەمبىرەك ئوقى تېگىپ قۇربان بولدى. چىڭ سۇلالىسى ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى يې جىچاۋ ئۆلۈمدىن قورقۇپ، شەھەرنى تاشلاپ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىگە قېچىپ كىرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پيوڭياڭ قولدىن كەتتى.9 - ئاينىڭ17 - كۈنى ياپونىيە فلوتى بىلەن شىمالىي دېڭىز فلوتى خۇاڭخەي دېڭىزىدا كەسكىن جەڭ قىلدى، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. لى خۇڭجاڭ ئەمەلىي كۈچىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شىمالىي دېڭىز فلوتىنى ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا كىرىپ پاناھلىنىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دېڭىزنى كونترول قىلىش ھوقۇقىنى ياپونىيىگە قوش قوللاپ ئۆتۈنۈپ بەردى.10 - ئايدا ياپونىيە ئارمىيىسى جۇڭگوغا ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. بىر يول قوشۇن يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، جيۇليەنچېڭنى ئىشغال قىلدى، يەنە بىر يول قوشۇن لياۋدۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى خۇايەنكۇ ئېغىزىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، لۈيشۇن بىلەن داليەننى بېسىۋالدى.1895 - يىلى1 - ئايدا ياپونىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شەندۇڭ يېرىم ئارىلىدىكى رۇڭچېڭۋەن قولتۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ياپونىيە دېڭىز ئارمىيىسى بىلەن بىرلىكتە ۋېيخەيۋېي ھەربىي پورتىغا قىستاپ ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي دېڭىز فلوتى پۈتكۈل قوشۇن بويىچە دېڭىزغا غەرق بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنى ئىگىلەپ تۇرغان سىشى تەيخۇ ياپونىيە تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قورقۇپ كېتىپ لى خۇڭجاڭنى تولۇق ھوقۇقلۇق سۈلھى تۈزگۈچى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، ياپونىيىگە مۇرەسسە قىلىشقا ئەۋەتتى.4 - ئاينىڭ17 - كۈنى لى خۇڭجاڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىگىلىك ھوقۇقنى يوقىتىپ ۋەتەنگە ھاقارەت كەلتۈرگەن جۇڭگو - ياپونىيە «سمونوسېكى شەرتنامىسى» غا ئىمزا قويدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىكىلىشىشى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
جۇڭگو - ياپونىيە جياۋۇ ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki