يىگىرمە بەش مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەر
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
ئۇزۇن سەپەر جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىدىكى مىسلىسىز ئۇلۇغ ھەرىكەت. يېرىم ئەسىر بۇرۇن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى تايانچ بازىلاردا كۈرەش قىلىۋاتقان قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچى ئىنقىلابنى خەۋپتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيىلىك يۆتكەلدى. قىزىل ئارمىيە جەڭچىلىرى بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا ئون نەچچە ئۆلكىنى پىيادە ئايلىنىپ25 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ يەردە ۋە ھاۋادا قورشاش، قوغلاپ زەربە بېرىش، توسۇشلىرىنى يېڭىپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدا غەلىبىلىك ئۇچراشتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شىمالىي شەنشى تايانچ بازىسى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ مەركىزىي بازىسى بولۇپ قالدى.
ئۇزۇن سەپەر1934 - يىلى10 - ئايدا باشلاندى. ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى جەنۇبتا مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا، خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى، خۇنەن - خۇبېي - جياڭشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى بەرپا قىلدى. گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جياڭ جيېشى بۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارنى كۆزگە قادالغان مىغ دەپ قاراپ، ئارقا - ئارقىدىن «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىنى قوزغىدى. مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گومىنداڭنىڭ تۆت قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى. لېكىن ئەينى چاغدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنى كونترول قىلىۋالغان ۋاڭ مىڭنىڭ «سول» چىل لۇشىيەننىڭ رەھبەرلىكىدە،5 - قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇش مەغلۇپ بولدى.1934 - يىلى10 - ئايدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئالدىراپ - تېنەپ فۇجيەننىڭ غەربى ۋە جياڭشىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىنقىلابىي تايانچ بازىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ، خۇنەن - جياڭشىنىڭ غەربىگە يۆتكىلىپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندى.
مۇشۇنىڭ ئالدى - كەينىدە باشقا ئىنقىلابىي تايانچ بازىلاردىكى قىزىل ئارمىيىمۇ ئىستراتېگىيىلىك يۆتكەلدى؛ خۇنەن - جياڭشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىكى قىزىل ئارمىيىنىڭ6 - جۈنتۇەنى1934 - يىلى8 - ئايدا تايانچ بازىدىن ئايرىلىپ غەربكە ئىلگىرىلەپ10 - ئايدا گۇيجۇنىڭ شەرقىي شىمالىغا يېتىپ كېلىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ2 - جۈەنتۇەنى بىلەن ئۇچراشتى، كېيىن قىزىل ئارمىيىنىڭ2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بولۇپ تەشكىللىنىپ داۋاملىق غەربكە ئىلگىرىلىدى. خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى چىڭ ساقلاۋاتقان قىزىل ئارمىيە25 - جۈنى1934 - يىلى9 - ئايدا شەنشىنىڭ جەنۇبىغا يۆتكەلدى.1932 - يىلى10 - ئايدا خۇبېي - خېنەن - ئەنخۇي ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىن ئايرىلىپ شەنشىنىڭ جەنۇبى، سىچۇەننىڭ شىمالىغا يۆتكىلىپ كەلگەن قىزىل ئارمىيە4 - يۆنىلىش ئارمىيىسىمۇ1935 - يىلى3 - ئايدا سىچۇەن - سەنشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىن چېكىنىپ چىقىپ ئۇزۇن سەپەرنى باشلىدى.
ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئاۋۋال جياڭ جيېشىنىڭ تۆت قات قامال لىنىيىسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇنەن - جياڭشىنىڭ غەربىدىكى رايونلارغا يېتىپ كەلدى. بىراق خاتا قوماندانلىق قىلىنغانلىقتىن، قىسىمدىكى ئادەم سانى ئەسلىدىكى80 مىڭدىن ئازىيىپ30 نەچچە مىڭغا چۈشۈپ قېلىپ، ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋالغا دۇچ كەلدى. ئەينى چاغدا چەتكە قېقىلغان يولداش ماۋ زېدۇڭ دۈشمەننىڭ كۈچى ئاجىز بولغان گۇيجۇغا ئىلگىرىلەشتەك دانا قارارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەسلىدە شىمالغا ئىلگىرىلەشكە تەييارلىنىۋاتقان مەركىزىي قىزىل ئارمىيە تۇيۇقسىز غەربىي جەنۇبقا بۇرۇلۇپ ۋۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، زۇنيى ناھىيە بازىرىنى ئىگىلىدى، بۇ جايدا مەركىزىي سىياسىي بيۇرونىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى ئېچىلىپ، چىن باڭشيەن، لى دېلارنىڭ قىزىل ئارمىيىگە رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقى ئېلىپ تاشلىنىپ، «سول» چىل لۇشيەننىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتۇرۇلۇپ، ماۋ زېدۇڭ باشچىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى رەھبەرلىكى باشلاندى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يېڭى مەركىزىي كومىتېتنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە ئەپچىل، جانلىق ئىستراتېگىيىلىك جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ چىشۇي دەرياسىدىن تۆت قېتىم ئۆتۈپ، جىنشاجياڭ دەرياسى ۋە دادۇخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، قارلىق تاغلاردىن ئېشىپ، ئادەمزات ئاياغ باسمىغان سازلىقلارنى بېسىپ، مىڭ بىر جاپا - مۇشەققەتتە ئاخىر1935 - يىل10 - ئاينىڭ19 - كۈنى شەنشى - گەنسۇ ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىدىكى ۋۇچى بازىرىغا يېتىپ كەلدى. بىر يىلدىن كېيىن، يەنى1936 - يىل10 - ئاينىڭ22 - كۈنى ئۇزاق مۇساپىنى بېسىپ ئايلىنىپ يۈرۈپ جەڭ قىلغان قىزىل4 - يۆنىلىش ئارمىيىسى،2 - يۆنىلىش ئارمىيىسى بىلەن مەركىزىي قىزىل ئارمىيە گەنسۇنىڭ خۇينىڭ دېگەن يېرىدە غەلىبىلىك ئۇچرىشىپ،25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تاماملانغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇزۇن سەپەر ئىنسانىيەتنىڭ ئۇلۇغۋار شانلىق تارىخىي داستانى. ماۋ زېدۇڭ ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئۇلۇغ تارىخىي ئەھمىيىتىگە مۇنداق باھا بەرگەنىدى: «ئۇزۇن سەپەر تارىختا1 - قېتىم بولدى، ئۇزۇن سەپەر خىتابنامە بولدى، ئۇزۇن سەپەر تەشۋىقات ئەترىتى بولدى، ئۇزۇن سەپەر ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسى بولدى»، «ئۇزۇن سەپەر پۈتۈن دۇنياغا قىزىل ئارمىيىنىڭ قەھرىمان ئەزىمەتلەر ئىكەنلىكىنى، جاھانگىرلار ۋە ئۇلارنىڭ غالچىسى جياڭ جيېشى قاتارلىقلارنىڭ ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى. … ئۇزۇن سەپەر11 ئۆلكىدىكى200 مىليونغا يېقىن خەلققە پەقەت قىزىل ئارمىيە يولىنىڭلا ئۇلارنى ئازادلىققا چىقىرىدىغان يول ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى … ئۇزۇن سەپەر11 ئۆلكىگە نۇرغۇن ئۇرۇق چاچتى، بۇ ئۇرۇقلار بىخ سۈرۈپ، يوپۇرماق چىقىرىپ، چېچەكلەپ مېۋە بېرىدۇ، كەلگۈسىدە چوقۇم مول ھوسۇل ئالىمىز. قىسقىسى، ئۇزۇن سەپەر بىزنىڭ غەلىبىمىز، دۈشمەننىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.»
ئۇزۇن سەپەر غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىدا يېڭى ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى شىمالىي شەنشىنى بازا قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى داغدۇغىلىق ئۇرۇشنى قانات يايدۇردى.