UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجاڭ شۈننىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈشى

جاڭ شۈننىڭ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1917 - يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىغا ئالتە يىل بولغانىدى. شۇ يىلى7 - ئاينىڭ1 - كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى فۇيى قايتىدىن تەختىكە چىقىپ، پادىشاھلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ رەزىل ئويۇننىڭ باش رېژىسسورى مىلىتارىست جاڭ شۈن ئىدى. جاڭ شۈن (1854 −1923 - يىللار) جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ فېڭشيەن ناھىيىسىدىن، دەسلەپتە يۈەن شىكەينىڭ يېڭى ئارمىيىسىگە كىرگەن. سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغاندا، جاڭ شۈن قوشۇن باشلاپ شىئەنگە قېچىۋاتقان سىشى تەيخۇنى قوغداپ، سىشى تەيخۇنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن. شۇنىڭدىن كېيىن جياڭشى - جياڭسۇنىڭ باش ۋالىيلىقى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇپەتتىشلىكى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. شىنخەي ئىنقىلابىدىن كېيىن ئۇ چىڭ سۇلالىسىگە ساداقىتىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قەتئىي قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۆزى ئۆرۈمە چېچىنى كەستۈرمەيلا قالماستىن، بەلكى يەنە قول ئاستىدىكىلەرنىڭ چاچ كېسىشىنىمۇ مەنئى قىلدى. شۇ سەۋەبتىن كىشىلەر ئۇنى «ئۆرۈمە چاچلىق سەركەردە»، ئۇنىڭ قوشۇنىنى «ئۆرۈمە چاچلىقلار قوشۇنى» دەپ ئاتىدى.1917 - يىل6 - ئاينىڭ7 - كۈنى جاڭ شۈن زۇڭتۇڭ لى يۈەنخۇڭ بىلەن زۇڭلى دۇەن چىرۇي ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشنى كېلىشتۈرۈش باھانىسى بىلەن «ئۆرۈمە چاچلىقلار قوشۇنى» دىن5000 كىشىنى باشلاپ بېيجىڭغا كىردى. ئۇ زۇڭتۇڭ لى يۈەنخۇڭنى مەجبۇرلاپ، دۆلەت مەجلىسىنى تارقىتىۋەتتى ھەمدە پادىشاھپەرەسلەر (پادىشاھنى قوغداش تەشكىلاتى) نىڭ باشلامچىسى كاڭ يۇۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ بىر تۈركۈم قالدۇق ۋەزىرلىرىنى توپلاپ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش پىلانىنى تۈزدى.7 - ئاينىڭ1 - كۈنى تاڭ سەھەردە جاڭ شۈن قاتارلىق (قەلەم ۋە ئەلەم ئەمەلدارلىرى) چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىق كىيىمىنى كىيىپ، چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى فۇيىغا تەزىم بەجا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىنگو بىكار قىلىنىپ «بۈيۈك چىڭ ئىمپېرىيىسى» نىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. پۈتۈن مەملىكەت خەلقى پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈشكە قارشى كۈرەشكە ئاتلاندى، دۇەن چىري تېزلىكتە «ئاسىيلارنى تازىلاش ئارمىيىسى» تەشكىللەپ7 - ئاينىڭ12 - كۈنى بېيجىڭغا بېسىپ كىرىپ، «ئۆرۈمە چاچلىقلار قوشۇنى» نى مەغلۇپ قىلدى. جاڭ شۈن گوللاندىيە ئەلچىخانىسىغا مۆكۈۋالدى. تەختكە چىققىنىغا ئاران12 كۈن بولغان فۇيى قايتىدىن تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ پادىشاھلىقنى تىرىلدۈرۈش بىر مەيدان ئويۇنى ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار