شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1926 - يىل7 - ئاينىڭ1 - كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئىنقىلابىي ھەرىكەتلەر يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋەزىيەتتە، گۇاڭدۇڭ مىللىي ھۆكۈمىتى «شىمالغا يۈرۈش قىلىش خىتابنامىسى» نى ئېلان قىلىپ، جاھانگىرلىك ۋە فېئودال مىلىتارىستلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىنقىلابنى پۈتۈن مەملىكەتكە كېڭەيتىشكە تەييارلىق قىلدى.9 - كۈنى مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە جياڭ جيېشىنىڭ باش قوماندانلىقىدا گۇاڭدۇڭدىن چىقىپ، رەسىمىي شىمالغا يۈرۈش قىلدى.
شىمالغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاساسىي نىشانى ۋۇ پېيفۇ، سۇن چۇەنفاڭ، جاڭ زولىندىن ئىبارەت ئۈچ مىلىتارىست ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا ۋۇ پېيفۇنىڭ200 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، خۇنەن، خۇبېي، خېنەن ئۈچ ئۆلكىنى ۋە شەنشى، خېبېينىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى ئىگىلەپ تۇراتتى؛ سۇن چۇەنفاڭنىڭ200 مىڭغا يېقىن ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، جياڭسۇ، ئەنخۇي، جېجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى بەش ئۆلكىنى ئىگىلەپ تۇراتتى؛ جاڭ زولىننىڭ تەخمىنەن350 مىڭ ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ۋە بېيجىڭ، تيەنجىن رايونلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ تەخمىنەن100 مىڭ ئەسكىرى بولۇپ، ئۈچ يولغا بۆلۈندى، بىر يول قوشۇن خۇنەن، خۇبېيغا، بىر يول قوشۇن فۇجيەن، جېجياڭلارغا، يەنە بىر يول قوشۇن جياڭشىغا ھۇجۇم قىلدى.
خۇنەن، خۇبېي ئاساسلىق جەڭگاھ بولدى. شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى چاڭشانى ئېلىپ، خۇبېيغا كىردى.4 - جۈننىڭ يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى باتۇرلارچە جەڭ قىلىپ، شيەننىڭدىكى تىڭسىچياۋ، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكلىرىدە دۈشمەن ئارمىيىسىنى تارمار قىلدى.10 - ئاينىڭ10 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى ۋۇچاڭنى ئالدى. ۋۇ پېيفۇنىڭ ئاساسىي كۈچى خۇبېيدا تارمار قىلىندى. جياڭشى جەڭگاھىدا، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى جيۇجياڭ، نەنچاڭلارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلەپ، سۇن چۇەنفاڭنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقاتتى، ئارقىدىنلا ئۇدۇل نەنجىڭغا ھۇجۇم قىلدى.12 - ئايدا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى فۇجيەن، جېجياڭلارنى ئىگىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، فېڭ يۈيشياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ياردىمىدە مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ شەنشىنى ئالدى ھەمدە خېنەنگە يۈرۈش قىلىپ شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىگە يىراقتىن ماسلاشتى.
شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى يېرىم يىلغا قالمايلا جۇجياڭ ۋادىسىدىن چاڭجياڭ ۋادىسىغىچە بولغان جايلارنى ئېلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە كەلتۈردى.1927 - يىلىنىڭ بېشىدا مىللىي ھۆكۈمەت گۇاڭجۇدىن ۋۇخەنگە كۆچتى.3 - ئايدا شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى نەنجىڭ، شاڭخەيلەرگە كىردى. مىللىي ئىنقىلابىي ئارمىيە جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى يىمىرىلىش گىردابىغا ئەكىلىپ قويدى.4 - ئاينىڭ12 - كۈنى ۋە7 - ئاينىڭ15 - كۈنى جياڭ جيېشى، ۋاڭ جىڭۋېيلار ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي، ۋۇخەنلەردە ئەكسىلئىنقىلابىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىدى، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى تارتىۋېلىندى.