ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
1930 - يىلى ئەتىيازدا فېڭ يۈيشياڭ، يەن شىشەن ۋە گۇاڭشى گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئۈچ گۇرۇھ مىلىتارىستلىرى بىرلىشىپ، جياڭ جيېشىغا قارشى تۇردى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا مىليون كىشىلىك ئارمىيىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق قىرغىنچىلىق قىلىشتى. بۇ ئۇرۇش تارىختا «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى» دەپ ئاتالدى، يەنە «جياڭ جيېشى بىلەن فېڭ يۈيشياڭ، يەن شىشەن ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش» دەپمۇ ئاتالدى.1930
- يىلى ئەتىيازدا يەن شىشەن، فېڭ يۈيشياڭ، لى زۇڭرېن، ۋاڭ جىڭۋېي قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن جياڭ جيېشىغا قارشى ئىتتىپاق يەن شىشەننى «جۇڭخۇا مىنگو ئارمىيىسى» نىڭ باش قوماندانلىقىغا، فېڭ يۈيشياڭ بىلەن لى زۇڭرېننى مۇئاۋىن قوماندانلىققا تەيىنلىدى. ئۇلار700 مىڭ كىشىلىك قوشۇن توپلاپ، شەرقتە شەندۇڭ، غەربتە شياڭفەن، جەنۇبتا چاڭشاغا سوزۇلغان نەچچە مىڭ كېلومېتىرلىق ئۇرۇش سېپىگە ئورۇنلاشتۇردى. جياڭ جيېشىمۇ ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۇرۇش تەييارلىقىنى پۈتكۈزدى.5 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، جياڭ جيېشى ئومۇمىي ھۇجۇمغا ئۆتۈش بۇيرۇقىنى چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى.
ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە فېڭ يۈيشياڭنىڭ قوشۇنلىرى لۇڭخەي ئۇرۇش سېپىدە جياڭ جيېشىنىڭ زور بىر تۈركۈم جانلىق كۈچىنى يوقىتىپ، شۈيجۇدا تۇرۇۋاتقان جياڭ جيېشىنى تۇتقۇن قىلىشقا ئازلا قالدى. بىراق جىنپۇ ئۇرۇش سېپىدە يەن شىشەن قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ناھايىتى ئاستا بولغاچقا، فېڭ يۈيشياڭ ئارمىيىسى بىلەن ئۇچرىشالمىدى. فېڭ يۈيشياڭ ئارمىيىسى كۆپ قېتىملىق كەسكىن جەڭدىن كېيىن قاتتىق ھالسىراپ كەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشلىق، ئوق - دورىنىڭ يېتىشمەسلىكى تۈپەيلىدىن، داۋاملىق ھۇجۇم قىلىشقا ئامالسىز قالدى. جياڭ جيېشى نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىپ، فېڭ يۈيشياڭنىڭ قايتىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلىدى ھەمدە تەدرىجىي ھالدا پاسسىپ ھالەتتىن تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى.
ئۇرۇش مەزگىلىدە يەن شىشەن، فېڭ يۈيشياڭ ۋاڭ جىڭۋېي ۋە شىشەن يىغىنى تەرەپدارلىرى بىلەن بىرلىشىپ بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دا «گومىنداڭ مەركىزىي پىرقىسىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» نى چاقىرىپ، «مىللىي ھۆكۈمەت» قۇردى. بۇ ھۆكۈمەتكە يەن شىشەن رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىپ، جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن قارشىلاشتى.
ئەينى ۋاقىتتا جاڭ شۆلياڭنىڭ شەرقىي شىمال ئارمىيىسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا بولۇپ، ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئىككى تەرەپتىن كىم بۇ كۈچنى ئۆز يېنىغا تارتالىسا، شۇ غەلىبە قىلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەنىدى.9 - ئاينىڭ18 - كۈنى جاڭ شۆلياڭ جياڭ جيېشىنى قوللاپ تېلېگرامما يوللىدى ۋە120 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى شەنخەيگۇەندىن كىرگۈزۈپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۈپ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. شەرقىي شىمال قوشۇنى21 - كۈنى تيەنجىننى،26 - كۈنى بېيپىڭنى ئىگىلىدى. يەن شىشەن قىسىملىرى مەغلۇپ بولۇپ سەنشىگە چېكىندى. فېڭ يۈيشياڭ قىسىملىرى ئارقا - ئارقىدىن جياڭ جيېشىغا تەسلىم بولدى. خۇنەنگە ھۇجۇم قىلغان گۇاڭشى گۇرۇھى قوشۇنىمۇ سەنشىگە چېكىنىپ چىقتى.10 - ئاينىڭ5 - كۈنى يەن شىسەن، ۋاڭ جىڭۋېي، فېڭ يۈيشياڭ ئۆزئارا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇرۇش توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى. جياڭ جيېشى ئۇلارنى شەرتسىز تەختتىن چۈشۈشكە بۇيرۇدى ھەمدە ئۇلارنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن مىلىتارىستلارنىڭ يەتتە ئايدىن كۆپرەك داۋاملاشقان قالايمىقان ئۇرۇشلىرى جياڭ جيېشىنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.