UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارتىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى ۋە خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى

تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى ۋە خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى ۋە خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكى جېڭى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى جەريانىدىكى مەشھۇر جەڭلەردۇر. تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەننىڭ چېگرىسى ئىچىدىكى ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك جاي بولۇپ، ۋۇخەننىڭ جەنۇبىدىكى تۇنجى دەرۋازا ئىدى، يەر شەكلى خەتەرلىك، قوغداش ئاسان، ھۇجۇم قىلىپ ئېلىش تەس ئىدى.1926 - يىلى8 - ئايدا، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى خۇبېيغا كىردى. مىلىتارىست ۋۇ پېيفۇ ئالدىراپ زور قوشۇن يۆتكەپ تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكىنى مەھكەم ساقلاپ، شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسىنىڭ شىمالغا ئىلگىرىلىشىنى توسماقچى بولدى.26 - كۈنى شىمالغا يۈرۈش قىلىش ئارمىيىسى تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلىپ دۈشمەننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەچكە، ئىلگىرىلەش ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. ئەتىسى4 - جۈننىڭ يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى بۇيرۇققا بىنائەن ياردەمگە ئاتلىنىپ، خەتەرلىك تاغ يوللىرى بىلەن دۈشمەننىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ تۇيۇقسىز شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قاتتىق ئالاقزادە قىلىۋەتتى. ۋۇ پېيفۇنىڭ قوشۇنى پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولدى. يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكىنى تارتىۋالدى. ئارقىدىنلا ۋۇ پېيفۇ زور قوشۇن يۆتكەپ، يەنە بىر ھەربىي ئىستراتېگىيىلىك جاي خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى قوغدىدى.8 - ئاينىڭ27 - كۈنى يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى شيەننىڭنى ئالغاندىن كېيىن غەلىبىسېرى قوغلاپ زەربە بېرىپ، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىگە ھۇجۇم قىلدى. جەڭ ئىنتايىن كەسكىن بولدى. ئىككى تەرەپ ھايات - ماماتلىق جەڭ قىلدى. مۇستەقىل تۇەن ناھايىتى تېزلىكتە دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ مۇداپىئە سېپىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئىچكىرىلەپ ھۇجۇمغا ئۆتتى، بىراق ئوڭ قاناتتىكى دوست ئارمىيە دۈشمەن تەرىپىدىن توسۇپ قويۇلغاچقا، مۇستەقىل تۇەن دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئۈچ تەرەپتىن زەمبىرەك بىلەن تۇيۇقسىز زەربە بېرىشىگە ئۇچراپ زور چىقىم تارتتى. مۇشۇنداق جىددىي پەيتتە يې تىڭ دادىللىق بىلەن قوشۇننى باشلاپ ۋۇ پېيفۇنىڭ قوماندانلىق ئىستىھكامىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ، ئاخىر ۋۇ پېيفۇنىڭ قوماندانلىق ئىستىھكامىنى تارتىۋېلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى تارمار قىلىپ، خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىنى ئىگىلىدى. تىڭسىچياۋ كۆۋرۈكى ۋە خېشېڭچياۋ كۆۋرۈكىدىكى جەڭلەردە يې تىڭ مۇستەقىل تۇەنى شانلىق تۆھپىلەرنى يارىتىپ، يېڭىلمەس ئاۋانگارت قىسىمغا ئايلىنىپ،4 - جۈن ئۈچۈن «پولاتتەك ئارمىيە» دېگەن شەرەپلىك نامنى قولغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار