UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى

جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشىدىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى جىلى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرى بىرلىكتە كونترول قىلدى. فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جاڭ زولىن ئۆز كۈچىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈشنى پىلانلىدى. بىراق جىلى سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلارنىڭ كاتتىۋېشى ساۋ كۇن بىلەن ۋۇ پېيفۇ شەنخەيگۇەننىڭ ئىچكىرىسىدىكى جايلارنى يالغۇز ئىگىلىمەكچى بولدى. ئىككى گۇرۇھ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق - مەنپەئەت كۈرىشى كۈنسايىن ئۆتكۈرلەشتى.1921 - يىلى جاڭ زولىن سىياسىي دەللال لياڭ شىيىنى دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىلىقىغا كۆرسەتتى. لياڭ شىيى تاشقى جەھەتتە ياپونىيىگە، ئىچكى جەھەتتە فېڭتيەن سىستېمىسىغا تايىنىپ، بار كۈچى بىلەن جىلى سىستېمىسىنى چەكلەپ، جىلى مىلتارىستلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى.1922 - يىلى1 - ئايدا ۋۇ پېيفۇ جىلى سىستېمىسىدىكى قوماندانلار بىلەن لياڭ شىيىغا قارشى تۇرۇش توغرىلىق تېلېگرامما يوللاپ ئالاقە باغلىدى، لياڭ شىيى ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرىنچى قېتىملىق جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى قوزغالدى.1922 - يىلى4 - ئايدا جىلى سىستېمىسى باۋدىڭدا باش قوماندانلىق شتابى قۇردى، ۋۇ پېيفۇ باش قوماندانلىققا تەيىنلىنىپ، فېڭتيەن سىستېمىسىغا قارشى ئۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. جاڭ زولىن دەرھال ئەسكەرلىرىنى شەنخەيگۇەننىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈپ، ئۆزىنى «بەھەيۋەت قوشۇن» نىڭ باش قوماندانى دەپ ئاتىدى.4 - ئاينىڭ29 - كۈنى جىلى سىستېمىسىغا قارشى ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى رەسمىي پارتلىدى. جىلى - فېڭتيەن ئىككى تەرەپ خېبېيدىكى چاڭشىنديەن (ھازىر بېيجىڭغا تەۋە)، ماچاڭ، گۇئەن قاتارلىق جايلاردا قاتتىق جەڭ قىلدى، جەڭدە نۇرغۇن ئەسكەر ئۆلدى ۋە يارىلاندى.5 - ئاينىڭ بېشىدا ئىككى تەرەپ چاڭشىنديەندە ئۇچراشما جەڭ قىلدى، فېڭتيەن ئارمىيىسىنىڭ16 - دىۋىزىيىسى ئالدىنقى سەپتە ئاسىيلىق قىلىپ جىلى سىستېمىسىغا تەسلىم بولغاچقا، فېڭتيەن قوشۇنىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە تارمار بولۇشىغا سەۋەب بولدى. جاڭ زولىن قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ لۇەنجۇغا چېكىندى. جاڭ زولىننىڭ شەنخەيگۇەندىن كىرگەن چاغدا120 مىڭ ئەسكىرى بار ئىدى، ئەمدىلىكتە ئاران20 نەچچە مىڭ ئەسكىرى قالغانىدى.6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىككى تەرەپ يۈيگۇەن (بۈگۈنكى شەنخەيگۇەن) نى پاسىل قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشمى ئىمزالىدى، بىرىنچى قېتىملىق جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقى جاكارلاندى.6 - ئاينىڭ19 - كۈنى جاڭ زولىن قوشۇنىنى شەنخەيگۇەننىڭ سىرتىغا چېكىندۈرۈپ، ئۆزىنى «شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنىڭ ئامانلىق ساقلاش باش قوماندانى» دەپ ئاتاپ، شەرقىي شىمالنىڭ «قوۋۇقىنى تاقاپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغانلىقى» نى جاكارلاپ، بېيجىڭ ھاكىميىتىدىن بۆلۈنۈپ چىقتى. شۇنىڭدىن كېيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى جىلى مىلىتارىستلىرى ئۆز ئالدىغا كونترول قىلدى.1923 - يىلى10 - ئايدا جىلى مىلىتارىستى ساۋ كۇن دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىنى پارا بېرىپ سېتىۋېلىش يولى ئارقىلىق زۇڭتۇڭ بولدى. سۇن جۇڭشەن ۋە ئەنخۇي سىستېمىسىدىكى جېجياڭ قوشۇنىنىڭ قوماندانى لۇ يۇڭشياڭ جىلى مىلىتارىستلىرىغا قارشى تۇرۇش توغرىلىق ئۆزئارا تېلېگرامما يوللاشتى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى جاڭ زولىن پۇرسەتنى غەنيمەت بىلىپ جىلى مىلىتارىستلىرىغا قارشى ئىتتىپاققا قاتناشتى.1924 - يىلى9 - ئايدا لۇ يۇڭشياڭ بىلەن جياڭسۇدىكى جىلى سىستېمىسى ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلىدى، جاڭ زولىن جېجياڭغا ياردەم بېرىش نامى بىلەن جىلى سىستېمىسىغا جەڭ ئېلان قىلدى ھەمدە ئۆزى باش قوماندان بولۇپ250 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەرنى باشلاپ شەنخەيگۇەندىن كىردى. جىلى سىستېمىسى «ئاسىيلارغا جازا يۈرۈشى قىلىش ئارمىيىسى» نى تەشكىللەپ، ۋۇ پېيفۇنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەپ250 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ئۇرۇشقا ئاتلاندۇردى.9 - ئاينىڭ17 - كۈنى رېخېدا ئىككىنچى قېتىملىق جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشىنىڭ پەردىسى ئېچىلدى. ئۇرۇش جەريانىدا جىلى سىستېمىسىدىكى قوشۇننىڭ ئىرادىسى تەۋرىنىپ قالغاچقا، ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.10 - ئايدا جىلى سىستېمىسىدىكى3 - جۈننىڭ باش قوماندانى فېڭ يۈيشياڭ رېخې ئالدىنقى سېپىدىكى گۇبېيكۇدىن مەخپىي ھالدا بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ، پارا بېرىپ زۇڭتۇڭ بولۇۋالغان ساۋ كۇننى نەزەربەند قىلىپ، بېيجىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغىدى. ۋۇ پېيفۇ خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېزلىكتە قوشۇننى باشلاپ بېيجىڭغا ياردەمگە ئاتلاندى. فېڭ يۈيشياڭنىڭ قوشۇنى ۋە فېڭتيەن قوشۇنىنىڭ قىستاپ زەربە بېرىشى نەتىجىسىدە، جىلى قوشۇنى زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. ۋۇ پېيفۇ ماڭىدىغانغا يول تاپالماي،3000 دىن ئارتۇق ئوفىتسېر ۋە ئەسكەرنى ئەگەشتۈرۈپ تيەنجىندە پاراخوتقا ئولتۇرۇپ جەنۇبقا قېچىپ كەتتى. ئىككىنچى قېتىملىق جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. ئۇرۇشتىن كېيىن فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كۈچى زورىيىپ، شەنخەيگۈەننىڭ ئىچىگە كىردى ھەمدە تەسىرىنى خېبېيدىن شەندۇڭ، جياڭسۇلارغىچە كېڭەيتتى. جاڭ زولىن بىلەن فېڭ يۈيشياڭ بىرلىكتە «شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ ئاقساقىلى» دۇەن چىرۇينى جۇڭخۇا مىنگونىڭ ۋاقىتلىق باشلىقلىقىغا كۆرسىتىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى كونترول قىلدى. شىمال مىلىتارىستلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك يېغىلىقلىرى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
جىلى - فېڭتيەن ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki