UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارسەنفېڭشەن جېڭى

سەنفېڭشەن جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار جىن سۇلالىسى ھەر يىلى ئۇدا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ جەڭلەردە زور مىقداردىكى ئەمەلىي كۈچىنى خورىتىۋاتقان چاغلاردا، موڭغۇللار ئۇلارنىڭ ئارقا تەرىپىدە تېزلىكتە باش كۆتۈرۈپ جۇرجىتلارنى شەرقىي شىمالدىكى ئانا يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى پايتەختىنى يەنجىڭدىن بيەنلياڭ (ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ) غا كۆچۈرۈپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك لىنىيىسىگە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى. جۇرجىتلار ئالدى - كەينىدىن دۈشمەنگە دۈچ كېلىۋاتقان ئەھۋالدا، قۇدرەتلىك موڭغۇل قوشۇنلىرى يەنە جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قوزغىدى. سەنفېڭشەن جېڭى موڭغۇللار جىن سۇلالىسىنى يوقاتقان بىر مۇھىم جەڭ. مىلادىيە1232 - يىلى موڭغۇل قوشۇنى جىن سۇلالىسىنىڭ مۇھىم ھەربىي قورغىنى تۇڭگۇەندىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، چىنلىڭ تېغىدىن ئېشىپ، خەنجۇڭ ئويمانلىقىدىن چىقىپ جەنۇبتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئاندىن ئۇدۇل بيەنجىڭغا قاراپ ئىلگىرىلىدى، جىن سۇلالىسى سانغۇنى ۋەنيەن قادا جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن150 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ موڭغۇللارنى توسۇشقا ئاتلاندى، ئىككى تەرەپ سەنفېڭشەندە (خېنەن ئۆلكىسى يۈيشيەن ناھىيىسىنىڭ غەربىي شىمالىدا) كەسكىن جەڭ قىلدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى ھالسىرىتىش تاكتىكىسىنى قوللاندى: جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ھۇجۇمغا ئۆتكەندە، موڭغۇل قوشۇنلىرى جەڭگە چىقماي چېكىندى، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى بارگاھلىرىغا ئورۇنلىشىشى بىلەنلا، موڭغۇل قوشۇنلىرى ئۇشتۇمتۇت زەربە بەردى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى كېچە - كۈندۈز ئارام ئالالمىدى، ھەتتا ئۈچ كۈنگىچە غىزالىنالمىدى، نەتىجىدە سەنفېڭشەندە موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىندى. دەل شۇ چاغدا قاتتىق قار يېغىپ، ھاۋا ناھايىتى سوۋۇپ كەتتى، موڭغۇل قوشۇنلىرى تەرەپ - تەرەپتە ئوت يېقىپ گۆش پىشۇرۇپ يەپ، نۆۋەتلىشىپ ئارام ئالدى. جىن سۇلالىسى لەشكەرلىرى بولسا ساۋۇت - دۇبۇلغىلىرى بىلەن قار ئۈستىدە لاغىلداپ تىترەپ، ئاچلىق، سوغۇق ئازابىدا قىينالدى. موڭغۇل قوشۇنلىرى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ قورشاۋنى بۆسۈپ چىقىشقا تەقەززا ئىكەنلىكىنى بىلىپ قەستەن بىر يول ئېچىپ بەردى. جىن سۇلالىسى لەشكەرلىرى بىر - بىرىدىن يول تالىشىپ قېچىپ چىقىۋاتقاندا، موڭغۇللارنىڭ بۆكتۈرمىگە قويغان لەشكەرلىرى تەرەپ - تەرەپتىن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. سەنفېڭشەن جېڭىدە جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچى يوقىتىلدى، جىن سۇلالىسىنىڭ يىمىرىلىشى مۇقىملىشىپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار