فۇيىنىڭ تەختتىن چۈشۈشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى فۇيى (1906 −1967 - يىللار)1908 - يىلى تەختتە ئولتۇرغان، يىلنامى شۈەنتۇڭ.1911 - يىلى ۋۇچاڭ قوزغىلىڭى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەختتىن چۈشۈشكە ئازلا قالدى. جاھانگىرلىكنىڭ بېسىمى ئاستىدا، چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى يۈەن شىكەينى قايتىدىن ئىشقا قويۇشقا مەجبۇر بولۇپ، ئۇنى ئىچكى كابىنېتنىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى ھەمدە ئىچكى كابىنېت تەشكىللەپ، ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرنى باستۇرۇشقا مەسئۇل قىلدى.
يۈەن شىكەي بىر تەرەپتىن جەنۇبتىكى ئىنقىلابىي پارتىيىدىكىلەرگە قوراللىق تەھدىت سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن «سۆھبەتلىشىش» ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى.1912 - يىلى جۇڭخۇا مىنگو ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سۇن جۇڭشەن ئەگەر يۈەن شىكەي چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنى تەختتىن چۈشۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللايدىغان بولسا، ۋاقىتلىق دازۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. يۈەن شىكەي بۇرژۇئا ئىنقىلابى پارتىيىسىدىكىلەرنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، «ئوردىغا بېسىم ئىشلىتىش» كە باشلىدى. ئۇ قول ئاستىدىكى دۇەن چىرۇي قاتارلىق سەركەردىلەرنى ئورتاق تېلېگرامما يوللاپ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىدىن دەرھال جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللاپ، تەختتىن چۈشكەنلىكىنى جاكارلاشنى تەلەپ قىلىشقا بۇيرۇدى. چىڭ ئوردىسىدىكى لۇڭيۈي خان ئانىسى كۆپ قېتىم ئوردا يىغىنىنى چاقىرىپ، ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇش توغرىلىق مۇزاكىرىلەشتى. خان جەمەتىنىڭ بىر تۈركۈم ياش ئەزالىرى بىرلىشىپ پادىشاھپەرەستلەر پىرقىسى قۇرۇپ، پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇردى.1 - ئاينىڭ26 - كۈنى ئىتتىپاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى پېڭ جياجېن بېيجىڭدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە قارشى خان جەمەتى ئەزالىرىدىن لياڭ بىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈپ، خان جەمەتىدىكى ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇردى.1 - ئاينىڭ30 - كۈنى لۇڭيۈي خان ئانىسى «ئوردا يىغىنى» دا چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ تەختتىن چۈشۈشىگە قوشۇلۇپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.2 - ئاينىڭ3 - كۈنى يۈەن شىكەيگە نەنجىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بىلەن تەختتىن چۈشۈش شەرتلىرىنى كېڭىشىپ بېكىتىش ھوقۇقى بېرىلدى،2 - ئاينىڭ9 - كۈنى جەنۇب - شىمال ۋەكىللىرى «چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىنكى ئالاھىدە ئېتىبار شەرتلىرى توغرىسىدا، چىڭ سۇلالىسى خان جەمەتىنىڭ ئالاھىدە تەمىنات شەرتلىرى توغرىسىدا، مانجۇ، موڭغۇل، خۇيزۇ، زاڭزۇ مىللەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار شەرتلىرى توغرىسىدا» قاتارلىق كېلىشىملەرنى تۈزدى. چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى ۋە خان جەمەتىنىڭ ئالاھىدە تەمىنات شەرتلىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى: چىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ ھۆرمەت نامىنى ساقلاپ قېلىش، پۇقرالار چەت ئەل پادىشاھىغا ئوخشاش ھۆرمەت بىلدۈرۈش، مىنگو ھۆكۈمىتى يىلىغا4 مىليون سەر كۈمۈش تەمىنات بېرىش؛ چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى ۋاقتىنچە خان ئوردىسىدا تۇرۇش، كېيىنچە يېخېيۈەنگە يۆتكىلىش، شەخسىي مال - مۈلۈكلىرى مىنگو تەرىپىدىن قوغدىلىش قاتارلىقلار.2 - ئاينىڭ12 - كۈنى چىڭ سۇلالىسى ئوردىسى تەختنى ئۆتۈنۈپ بېرىش پەرمانىنى ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگوغا260 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشتى.