UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارسارخۇ جېڭى

سارخۇ جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار مىلادىيە1616 - يىلى جۇرجىتلارنىڭ يولباشچىسى نۇرخاچ بۈيۈك جىن (金大) سۇلالىسىنى قۇردى، تارىختا بۇ سۇلالە «كېيىنكى جىن» سۇلالىسى دەپ ئاتالدى (كېيىن دۆلەت نامى «چىڭ» غا ئۆزگەرتىلدى).1618 - يىلى نۇرخاچ سەككىز تۇغلۇق قوشۇننى باشلاپ مىڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، بىر قىسىم جايلارنى ئىگىلىۋالدى، كېيىنكى يىلى مىڭ شېنزۇڭ − جۇ يىجۈن ياڭ خاۋنى باسقاقلىققا تەيىنلەپ،80 نەچچە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ تۆت يولغا بۆلۈنۈپ، كېيىنكى جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇدى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھەيۋەتلىك قوشۇنىغا دۇچ كەلگەن نۇرخاچ »قانچە يول بىلەن كەلسەڭ كەل، پەقەت بىر يول بىلەنلا تاقابىل تۇرىمەن« دېگەن جەڭ قىلىش تەدبىرىنى بېكىتتى. ئۇ ئالدى بىلەن سەككىز تۇغلۇق قوشۇننىڭ ئاساسىي كۈچىدىن80 مىڭدىن ئارتۇق لەشكەرنى باشلاپ دۇ سۇڭ قوماندانلىقىدىكى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە قارشى جەڭگە ئاتلاندى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى سارخۇغا (ھازىرقى لياۋنىڭ ئۆلكىسىدىكى فۇشۇن شەھىرىنىڭ شەرقىدە) يېقىنلاشقاندا، دۇ سۇڭ ئاللىقاچان سارخۇ تېغىدا بارگاھ قۇرۇپ، شەخسەن ئۆزى10 مىڭ لەشكەرنى باشلاپ خۇنخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، شىمالدا جيېپەنشەن تېغىغا ھۇجۇم قوزغىغانىدى. نۇرغاچ كەسكىنلىك بىلەن سەككىزىنچى ئوغلى قونتاجىنى ئىككى خوشۇن لەشكەرنى باشلاپ جيېپەنشەن تېغىغا ياردەمگە ئەۋەتتى، ئۆزى ئالتە خوشۇنلۇق ئۈستۈن لەشكىرىي كۈچنى باشلاپ سارخۇ تېغىغا شىددەتلىك ھۇجۇم قىلىپ مىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ چوڭ بارگاھىنى بىرلا ھۇجۇم بىلەن ئېلىپ، ئاندىن قوشۇننى قايتۇرۇپ جيېپەنشەن تېغىغا ياردەمگە كەلدى. بۇ چاغدا، جيېپەنشەن تېغىغا ھۇجۇم قىلغان مىڭ سۇلالىسى قوشۇنى كېيىنكى جىن سۇلالىسىنىڭ مۇداپىئەچى قوشۇنى بىلەن ياردەمچى قوشۇننىڭ ئىككى تەرەپتىن قىستاپ ھۇجۇم قىلىشىغا دۇچ كەلگەنىدى، ئۇلار نۇرخاچنىڭ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ شۇ ھامان تىرىپىرەن بولۇپ كەتتى، باش سانغۇن دۇ سۇڭ جەڭدە ئۆلدى. ئارقىدىنلا نۇرخاچ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ ما لىن باشچىلىقىدىكى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا ھۇجۇم قىلىپ، بىر جەڭدىلا غەلىبە قازاندى، ما لىن مەغلۇپ بولۇپ كەييۈەنگە قېچىپ كېلىۋالدى. ئاندىن نۇرخاچ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ ئىچكىرى كىرگۈزۈش ھىيلىسىنى قوللىنىپ ليۇ دىڭ قوماندانلىقىدىكى مىڭ سۇلالىسى قوشۇنىنى قورشاپ يوقىتىپ، ليۇ دىڭنى ئۆلتۈردى. مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچ يولدىكى قوشۇنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ياڭ خاۋ لى رۇبۇ باشچىلىقىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر يول قوشۇنغا چېكىنىش توغرىسىدا جىددىي بۇيرۇق چۈشۈردى، شۇ ئارقىلىقلا ئاندىن پۈتكۈل قوشۇن ھالاك بولۇش خەۋپىدىن ساقلىنىپ قالدى. سارخۇ جېڭىدىن كېيىن مىڭ سۇلالىسىنىڭ لياۋدۇڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى تەۋرىنىپ قېلىپ، كېيىنكى جىن سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلغۇدەك مادارى قالمىدى، ھەربىي جەھەتتە تامامەن مۇداپىئەگە چۈشۈپ قالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
سارخۇ جېڭى | UyghurWiki | UyghurWiki