UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارجىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى

جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1917- يىلى ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى، دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىسى دۇەن چىرۇي گېرمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىش نامى ئاستىدا ياپونىيىدىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، «ئۇرۇشقا قاتناشقۇچى ئارمىيە» تەشكىللەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى تولۇقلاپ، جىلى مىلىتارىستلىرى بىلەن فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىدى، جىلى مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتىۋېشى ساۋ كۇن، ۋۇ پېيفۇلار فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كاتتۋېشى جاڭ زولىن بىلەن بىرلىشىپ ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىغا ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، بېيجىڭ مەركىزىي ھاكىمىيىتىنى تارتىۋالماقچى بولدى.1920 - يىلى4 - ئايدا ساۋ كۇن خېبېي، جياڭسۇ، جياڭشى، خۇبېي، خېنەن، لياۋنىڭ، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق سەككىز ئۆلكىنىڭ ۋەكىللىرىنى باۋدىڭغا يىغىپ، ئەنخۇي مىلىتارىستلىرىغا قارشى ئىتتىپاق تەشكىللىدى.6 - ئايدا ۋۇ پېيفۇ قوشۇن باشلاپ شىمالغا يۈرۈش قىلىپ خېنەن، خېبېيغا كىردى؛ جاڭ زولىن فېڭتيەن سىستېمىسىدىكى بىر بۆلەك قوشۇنىنى شەنخەيگۇەندىن كىرىشكە ئەۋەتتى. دۇەن چىرۇي قوشۇنلىرىنى «دۆلەتنى تىنچىتىش ئارمىيىسى» دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۆزى باش قوماندان بولۇپ،7 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئومۇمىي ھۇجۇم بۇيرۇقىنى چۈشۈرۈپ، جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچتى. جىلى سىستېمىسىدىكى مىلىتارىستلار «ئاسىيلارنى جازالاش ئارمىيىسى» تەشكىللەپ، ۋۇ پېيفۇنى دۈشمەنگە قارشى ئالدىنقى سەپ باش قوماندانلىقىغا تەيىنلىدى. جىلى، فېڭتيەن قوشۇنى شەرق، غەرب ئىككى يولغا بۆلۈنۈپ گاۋ بېيديەن (خېبېيدىكى شىنچىڭ) ۋە ياڭسۈن (تيەنجىندىكى ۋۇچېڭ) قاتارلىق جايلاردا ئەنخۇي قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، دۇەن چىرۇينىڭ مىڭ تەسلىكتە قۇرغان قوشۇنى4 -5 كۈن ئىچىدە پۈتۈنلەي تارمار بولدى.7 - ئاينىڭ19 - كۈنى دۇەن چىرۇي دۆلەت ئىشلىرى زۇڭلىلىقىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، جىلى، فېڭتيەن ئارمىيىسىنىڭ بېيجىڭ شەھەر ئەتراپىغا كېلىشى بىلەن جىلى - ئەنخۈي ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. جىلى - ئەنخۇي ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى جىلى، فېڭتيەن مىلىتارىستلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن مىلىتارىستلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كۈنسېرى ئۆتكۈرلەشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار