چىكەن جېڭى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
چىكەن جېڭى مىلادىيە1661 - يىلى يۈز بەرگەن، ئۇ، مىللىي قەھرىمان جېڭ چېڭگۇڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، تەيۋەننى قايتۇرۇۋالغان جەڭ.1624
- يىلىدىن باشلاپ، جۇڭگونىڭ زېمىنى تەيۋەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن بېسىۋېلىندى. ئۇلار تەيۋەننىڭ غەربىي جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىكى ئەنپىڭ قولتۇقى ئەتراپىغا چىكەن قورغىنى (ھازىرقى ئەنپىڭ) ۋە تەيۋەن قورغىنى (ھازىرقى تەينەن) دىن ئىبارەت ئىككى تاجاۋۇزچىلىق تايانچ نۇقتىسىنى قۇرۇپ، مەجبۇرىي باج يىغىپ، پۇقرالارنى بۇلاپ قۇل قىلىپ، تەيۋەن خەلقىنىڭ غەزىپى ۋە قارشىلىقىنى قوزغىدى. مىلادىيە1661 - يىلى باھاردا، جېڭ چېڭگۇڭ تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن350 نەچچە جەڭ كېمىسى بىلەن25 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ، شيامېن ۋە جىنمېندىن يولغا چىقىپ، تەيۋەن بوغۇزىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، لۇئېرمېن (ھازىرقى ئەنپىڭ ناھىيىسىنىڭ غەربىدە) ئەتراپىدا غەلىبىلىك قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تەيۋەننى قايتۇرۇۋېلىش جېڭىنى باشلىدى.
جېڭ چېڭگۇڭ ئالدى بىلەن قوشۇن باشلاپ چىكەن قورغىنىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، بۇ قورغاننىڭ تەيۋەن قورغىنى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلىدى. گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى كۇييى ئەجنەبىيچە مىلتىق بىلەن قوراللانغان بىرنەچچە100 كىشىلىك گوللاندىيە ئارمىيىسىنى چىكەن قورغىنىنى قورشاۋدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ئەۋەتكەندە، جېڭ چېڭگۇڭ تەرىپىدىن يوقىتىلدى. كەينىدىنلا يەنە200 نەچچە كىشىلىك گوللاندىيە ئارمىيىسى چىكەن قورغىنىغا ياردەمگە كېلىۋاتقاندا، يېرىم يولدا يەنە جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن چېكىندۈرۈلدى. كۈييى يەنە تۆت ھەربىي كېمىنى دېڭىزدىن ياردەمگە ئەۋەتىۋىدى، بىر كېمىسى جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن چۆكتۈرۈۋېتىلدى، ئىككىسى زەخىملىنىپ ئالدىراپ - تېنەپ قېچىپ كەتتى.
كۇييى نائىلاج جېڭ چېڭگۇڭغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مال - مۈلۈك ۋە كۈمۈش بېرىش بەدىلىگە يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى، جېڭ چېڭگۇڭ ئۇنىڭ تەكلىپىنى قەتئىي رەت قىلىپ، »تەيۋەن جۇڭگونىڭ زېمىنى، ئىلگىرى سىلەر بېسىۋالغان، ئەمدى جۇڭگولۇقلار بۇ زېمىنىنى قايتۇرۇۋالىدۇ، بۇ زېمىن جۇڭگوغا قايتۇرۇلۇشى كېرەك« دېدى. جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇنىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن، چىكەن قورغىنىدىكى گوللاندىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى.
چىكەن قورغىنىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن جېڭ چېڭگۇڭ قوشۇن يۆتكەپ تەيۋەن قورغىنىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ، گوللاندىيە ئارمىيىسىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈردى ھەمدە باداۋىيە (ھازىرقى ھىندۇنېزىيىدىكى جاكارتا) دىن ياردەمگە كەلگەن گوللاندىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنى چېكىندۈردى.1662 - يىل2 - ئاينىڭ1 - كۈنى كۇييى گوللاندىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇنىڭ بىلەن تەيۋەن گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن38 يىل بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن قايتىدىن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلدى.