UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارخۇاڭتيەنداڭ جېڭى

خۇاڭتيەنداڭ جېڭى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ جيەنيەن3 - يىلى (مىلادىيە1129 - يىلى) كۈزدە ۋەنيەن ۋۇجۇ جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ، جيەنكاڭ (ھازىرقى جياڭسۇدىكى نەنجىڭ) نى ئىگىلەپ، ئارقىدىنلا لىنئەن (ھازىرقى جېجياڭدىكى خاڭجۇ)، يۆجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى شاۋشىڭ)، مىڭجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى نىڭبو) لارنى ئارقا - ئارقىدىن ئىگىلىدى. سۇڭ گاۋزۇڭ − جاۋ گۇ ئۇدۇل شاڭخەيگە قېچىپ كېلىپ، ئاندىن جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىدىن قۇتۇلدى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى غالجىرلارچە ئادەم ئۆلتۈرۈپ، ئوت قويۇپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلغاندىن كېيىن شىمالغا چېكىندى، بىراق چېكىنىش يولىدا جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسىنىڭ مەشھۇر سانغۇنى خەن شىجۇڭنىڭ توسۇپ زەربە بېرىشىگە ئۇچرىدى، شۇنىڭ بىلەن مەشھۇر خۇاڭتيەنداڭ جېڭى باشلاندى. جيەنيەننىڭ4 - يىلى (مىلادىيە1130 - يىلى) دېھقانلار كالېندارى بويىچە1 - ئاي يۈەنشاۋ بايرىمىدا خەن شىجۇڭ جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ شىمالغا چېكىنگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شيۇجۇ (ھازىرقى جېجياڭدىكى جياشىڭ) دا پانۇسلارنى يېقىپ لېنتىلارنى ئېسىپ، يۈەنشاۋ بايرىمىنى تەبرىكلەش تەنتەنىسى پەيدا قىلىپ، دۈشمەن قوشۇنىنى قايمۇقتۇرۇشقا پەرمان چۈشۈردى، ئۆزى يوشۇرۇنچە8000 لەشكەرنى باشلاپ چىنجياڭغا ئاتلىنىپ، لەشكەرلەرنى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى جياۋشەن تېغىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ شىمالغا چېكىنىشىنى توسماقچى بولدى. ۋۇ جۇ100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇننى باشلاپ خۇاڭتيەنداڭغا (ھازىرقى جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنجىڭ شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بىر بۆلىكىگە) كەلگەندە توسۇلۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئەۋەتىپ خەن شىجۇڭ بىلەن ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش ۋاقتىنى كېلىشتى. ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىدىغان كۈنى خەن شىجۇڭنىڭ خانىمى لياڭ خۇڭيۈي ئۆز قولى بىلەن جەڭ دۇمبىقى چالدى، خەن شىجۇڭ لەشكەرلەرنى باشلاپ باتۇرلۇق بىلەن قىر - چاپ قىلدى، جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولدى. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرى ۋۇجۇنىڭ نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇنىنىڭ توسۇلۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇلارنى ئېلىشقا كېمە ئەۋەتتى. خەن شىجۇڭ لەشكەرلەرنى تۆمۈر زەنجىرلىك چوڭ ئىلمەكلەر بىلەن جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ كىچىك كېىملىرىنى ئىلىپ دەرياغا ئۆرۈۋېتىشكە بۇيرۇدى. ھەل قىلغۇچ جەڭدە مەغلۇپ بولغاننىڭ ئۈستىگە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ شىمالىدىن كەلگەن ياردەمچى قوشۇنمۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ۋۇ جۇ ئامالسىز قېلىپ، نائىلاج خەن شىجۇڭدىن چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتىدىغان يول بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىن بۇلاپ كەلگەن بايلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇنى خەن شىجۇڭ كەسكىن رەت قىلدى. جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ سۈلھى تەلەپ قىلىشىمۇ ئىشقا ئاشمىدى، جەڭ قىلىپمۇ غەلىبە قازىنالمىدى،100 مىڭ كىشىلىك زور قوشۇن خۇاڭتيەنداڭدا48 كۈن قامىلىپ قالدى. كېيىن ۋۇ جۇ بىر جاسوسنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ قوشۇنىنى كېچىدە ئىشقا سېلىپ، لاۋگۇەنخې دەرياسىنىڭ كونا ئېقىنىدىن15 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا چوڭ ئۆستەڭ قازدۇرۇپ، سۇڭ سۇلالىسى كېمىلىرىگە ئوت بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئاندىن خۇاڭتيەنداڭدىن قېچىپ چىقالىدى. خۇاڭتيەنداڭ جېڭى جىن سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ جەڭ قىلسىلا مەغلۇپ بولۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، سۇڭ سۇلالىسى قوشۇنىنىڭ جىن سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى قۇتقۇزۇش جاسارىتىنى ئۆستۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
خۇاڭتيەنداڭ جېڭى | UyghurWiki | UyghurWiki