UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارگۇەندۇ ئۇرۇشى

گۇەندۇ ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار گۇەندۇ ئۇرۇشى ئېلىمىز تارىخىدىكى ئاز كۈچ بىلەن كۆپنى يېڭىپ مۆجىزە ياراتقان بىر قېتىملىق مەشھۇر ئۇرۇش. شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، مىلىتارىستلارنىڭ يېغىلىقلىرى ئەۋج ئالدى. ساۋ ساۋ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنى ئىگىلەپ، خەن شيەندىنى تىزگىنلەپ، پادىشاھنى ئارىغا ئېلىپ بەگلىكلەرگە بۇيرۇق چۈشۈرۈش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە ئۇستۈنلۈككە ئېرىشىپ، ئەمەلىي كۈچىنى تېزلىكتە زورايتتى. مىلادىيە199 - يىلى شىمالدىكى ئەڭ چوڭ مىلىتارىست يۈەن شاۋ100 مىڭ كىشىلىك خىللانغان قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبقا يۈرۈش قىلىپ شۈي (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسىدىكى شۈيچاڭنىڭ شەرقىدە) گە ھۇجۇم قىلىپ، ساۋ ساۋنى بىر يولىلا يوقىتىشقا ئۇرۇندى. ئەينى چاغدا، ساۋ ساۋنىڭ لەشكىرى ئاز، قابىل سەركەردىلىرى يوق بولۇپ،20 مىڭ كىشىلىك ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ شىمالغا ئاتلىنىپ دۈشمەنگە تاقابىل تۇردى. كېيىنكى يىلى يۈەن شاۋ بىلەن ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى گۇەندۇدا (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى جۇڭمۇ ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) تىركەشتى، ھەل قىلغۇچ جەڭ قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدا قالدى. ئەينى چاغدا يۈەن شاۋنىڭ قوشۇنلىرى روشەن ئۈستۈنلۈكتە تۇراتتى. ساۋ ساۋ شەرقتىن شەپە بېرىپ غەربتىن زەربە بېرىش، دۈشمەننى بىر - بىرلەپ يوقىتىش تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، بەيمادىكى (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى خۇاشيەن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىدا) يۈەن شاۋ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ ئۇلۇغ سانغۇنى يەن لياڭنى ئۆلتۈردى. ئارقىدىنلا ساۋ ساۋ يەنە دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈپ، يۈەن شاۋنىڭ ئۇلۇغ سانغۇننى ۋېن چۇنى ئۆلتۈردى. يۈەن شاۋ ھەر ئىككى قېتىملىق جەڭدە مەغلۇپ بولۇپ، ئىككى ئۇلۇغ سانغۇنىدىن ئايرىلغاچقا، قوشۇنلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۆۋەنلەپ كەتكەنىدى، بىراق يۈەن شاۋ ئۆزىنىڭ لەشكەرلىرى كۆپ، ئوزۇق - تۈلۈكىنىڭ موللۇقىغا تايىنىپ ساۋ ساۋ بىلەن ھايات - ماماتلىق جېڭى قىلىش قارارىغا كەلدى. لەشكىرىي نازىر جۈي شۇ يۈەن شاۋغا ساۋ ساۋنىڭ لەشكىرى ئاز، ئوزۇق - تۈلۈكى كەمچىل، تېز جەڭ قىلىشقا موھتاج، ئۇزاققا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ، ئەڭ ياخشىسى، ساۋ ساۋ قوشۇنى بىلەن ئۇزاققىچە تىركىشىپ، ساۋ ساۋ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر چارچاپ، ئاشلىقى تۈگىگەندە ئاندىن ھۇجۇم قىلساق، دەپ نەسىھەت قىلدى. يۈەن شاۋ بۇ گەپكە قۇلاق سالماي، تېز ھۇجۇم قىلىشنى قارار قىلدى. مۇشاۋىر شۈي يۇ پىلان كۆرسىتىپ: «ساۋ ساۋ قوشۇنلىرى گۇەندۇنى مەھكەم قوغداۋاتىدۇ، ئارقا سېپى جەزمەن قۇرۇق، قوشۇننى بۆلۈپ شۈيگە يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلساق، جەزمەن غەلىبە قازىنالايمىز، دېدى. يۈەن شاۋ يەنىلا قۇلاق سالماي، ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويدى. شۈي يۇ تەدبىرى قوبۇل قىلىنمايلا قالماي، بەلكى يۈەن شاۋنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىغاچقا، ساۋ ساۋ تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى، ئۇ ساۋساۋغا چارە - تەدبىر كۆرسىتىپ، يۈەن شاۋ ئوزۇق - تۈلۈك ساقلايدىغان ۋۇچاۋ (ھازىرقى خېنەن ئۆلكىسى يەنجىن ناھىيىسىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا) غا يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىش تەكلىپىنى بېرىپ، ناۋادا مۇشۇ ھۇجۇم غەلىبىلىك بولسا ئۈچ كۈنگە قالماي يۈەن شاۋ قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ، دېدى. شۇ يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە10 - ئايدا ساۋ ساۋ5000 لەشكەرنى باشلاپ يۈەن شاۋ قوشۇنلىرى سىياقىغا كىرىۋېلىپ ۋۇچاۋغا يوشۇرۇنچە ھۇجۇم قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ ئوزۇق - تۈلۈكىنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. يۈەن شاۋ قوشۇنلىرى ئوزۇق - تۈلۈكلىرىنىڭ كۆيدۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ بىردىنلا پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى، ساۋ ساۋ قوشۇنى بۇ ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ يۈەن شاۋ قوشۇنىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، يۈەن شاۋنىڭ70 نەچچە مىڭ لەشكىرىنى يوقاتتى، يۈەن شاۋ پەقەت800 ئاتلىق لەشكىرى بىلەن قېچىپ قۇتۇلدى. ساۋ ساۋ گۇەندۇ جېڭىدە يۈەن شاۋ قوشۇنىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى يوقىتىپ، شىمالنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار