UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارپىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە

پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار پىڭشىڭگۇەن شىمالدا خېڭشەن تېغىغا، جەنۇبتا ۋۇتەيشەن تېغىغا تۇتىشىدۇ. يەر شەكلى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، سەنشىنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سەددىچىن سېپىلىنىڭ مۇھىم ئۆتكىلى ھېسابلىنىدۇ.1937 - يىلى9 - ئايدا8 - ئارمىيە بۇ يەردە ياپون تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە يوشۇرۇن زەربە بېرىپ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى. گومىنداڭ تەرەپنىڭ دوست ئارمىيىسى بىلەن ماسلىشىپ جەڭ قىلىش ئۈچۈن،8 - ئارمىيە باش شتابى لىن بياۋنى115 - شىغا قوماندانلىق قىلىپ پىڭشىڭگۇەننى تارتىۋېلىشقا ئەۋەتتى.8 - ئارمىيە پىڭشىڭگۇەن تاشيولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تاغقا بۆكتۈرمە قويدى. ئەتىسى سەھەردە ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇشقا ماھىر دەپ نام ئالغان بەن تەن شىسى115 - شىنىڭ بۆكتۈرمە چەمبىرىكىگە كىردى. تۇيۇقسىز ئوق ئاۋازلىرى ياڭراپ، زەمبىرەكلەر جاھاننى زىلزىلىگە سالدى. ياپونىيە ئارمىيىسى زەربىدىن بېشى گاڭگىراپ قىيا - چىيا قىلىشتى، ئاپتوموبىللىرىغا ئوت كېتىپ پاتىپاراق بولۇپ كەتتى. ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلانلىرى دەرھال ياردەمگە كەلگەن بولسىمۇ، بىراق115 - شىنىڭ كوماندىر - جەڭچىلىرى دۈشمەن بازىسىغا بۆسۈپ كىرىپ دۈشمەن بىلەن قۇچاقلاشما جەڭ قىلغاچقا، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ ئايروپىلان، زەمبىرەكلىرى رولىنى يوقاتتى. بىر كۈنلۈك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق115 - شى دۈشمەننىڭ1000 دىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ،100 نەچچە ئاپتوموبىلىنى ۋە200 نەچچە ئات ھارۋىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى.1000 تالدىن ئارتۇق مىلتىق، تۈرلۈك قورال - ياراغ ۋە ھەربىي ئەشيالارنى غەنىيمەت ئالدى. پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زور غەلىبىسى بولۇپ، ئۇ ياپونىيىنىڭ پادىشاھ ئارمىيىسىنى يەڭگىلى بولمايدۇ دېگەن ئەپسانىنى بەربات قىلىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ، جۇڭگو ئارمىيە - خەلقىنىڭ كۈرەش ئىرادىسىگە زور ئىلھام بەردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە | UyghurWiki | UyghurWiki