جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى
جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ. يەنى جۇڭگو غەلىبە قازانغان تۇرۇپ، مەغلۇپ بولغان دۆلەتكە باش ئېگىپ سۈلھى تەلەپ قىلدى، مەغلۇپ بولغان فرانسىيە بولسا غەلىبە قازانغان جۇڭگودىن نۇرغۇن پايدا ئۈندۈرۈۋالدى. بۇ ئۇرۇش1883 - يىلىدىن1885 - يىلىغىچە داۋاملاشقان بولۇپ، ئەسلىدە فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلىشى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققانىدى.19
- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا فرانسىيە ۋيېتنامنىڭ جەنۇبىي قىسمىنى ئىشغال قىلىۋالدى، ئارقىدىنلا شىمالىي قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ۋيېتنامنى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىشتىكى بازىغا ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. ۋيېتنام ئارمىيە - خەلقى جۇڭگو - ۋيېتنام چېگرىسىدا تۇرۇشلۇق ليۇ يۇڭفۇنىڭ قارا تۇغلۇقلار قوشۇنى بىلەن ماسلىشىپ،1873 - يىلى ۋە1883 - يىلى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىنى ئىككى قېتىم قاتتىق مەغلۇپ قىلدى.1883 - يىلى12 - ئايدا فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ6000 ئەسكىرى ۋيېتنامنىڭ سەنشى رايونىدا تۇرۇشلۇق چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنىڭ بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلىدى.
ئۇرۇش1883 - يىلى12 - ئايدىن1884 - يىلى4 - ئايغىچە ۋيېتنامنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى قۇرۇقلۇقتا ئېلىپ بېرىلدى. چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىدا قوماندانلىق قالايمىقان بولغانلىقى، سەركەردىسى جەڭ قىلمايلا قېچىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، فرانسىيە ئارمىيىسى خۇڭخې دېلتىسىنى ئىشغال قىلىۋالدى.1884 - يىلى8 - ئايدا فرانسىيە فلوتى ماۋېي پورتىدىكى فۇجيەن سۇ لەشكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلدى. شىمالىي دېڭىز ۋەزىرى لى خۇڭجاڭنىڭ مۇرەسسە قىلىپ يول قويۇشى نەتىجىسىدە، فۇجيەن دېڭىز ئارمىيىسى زور تالاپەتكە ئۇچراپ، جۇڭگونىڭ11 ھەربىي پاراخوتى سۇغا غەرق قىلىۋېتىلدى.700 نەچچە لەشكەر ئۆلدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىگە جەڭ ئېلان قىلىشقا مەجبۇر بولدى. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا تەڭلا جەڭ بولدى. دېڭىز ئۇرۇشىدا فرانسىيە فلوتى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەيۋەن ۋە جېجياڭدىكى جېنخەيگە ھۇجۇم قوزغىغاندا جۇڭگو ئارمىيە - خەلقىنىڭ قەيسىرانە قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، فرانسىيە فلوتىنىڭ قوماندانى گۇبار ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىدا فرانسىيە ئارمىيىسى جۇڭگو - ۋيېتنام چېگرىسىدىكى لياڭشەن بىلەن جېننەنگۇەن (ھازىرقى دوستلۇق ئۆتىڭى) نى ئىشغال قىلىپ جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلدى.70 ياشلىق پېشقەدەم قوماندان فېڭ زىسەي فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىپ، جېننەنگۇەندە مۇستەھكەم ئىستىھكام ياساپ، فرانسىيە قوشۇنىنى كۆپ قېتىم چېكىندۈردى.1885 - يىلى3 - ئايدا فېڭ زىسەي چىڭ سۇلالىسى قوشۇنىغا قوماندانلىق قىلىپ قايتۇرما زەربە بېرىپ،1000 دىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقىتىپ لياڭشەن قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، پۈتكۈل ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى، جېننەنگۇەندىكى زور غەلىبە مانا مۇشۇ. غەربىي سەپتە قارا تۇغلۇقلار قوشۇنىمۇ فرانسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلىپ،10 نەچچە ئايماق ۋە ناھىيىنى قايتۇرۇۋالدى.
جۇڭگو - ۋيېتنام ئارمىيە - خەلقىنىڭ فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇشتا قازانغان شانلىق غەلىبىسى فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، فرانسيە روفىللى ئىچكى كابىنېتىنى تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلدى. فرانسىيە ھۆكۈمىتى ئالدىراپ - تېنەپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بىلەن شەرتنامە ئىمزالىماقچى بولدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى يارىشىپ قېلىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ، ئۇرۇش توختىتىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى.6 - ئايدا لى خۇڭجاڭ تيەنجىندە فرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن «جۇڭگو - فرانسىيە يېڭى شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى. چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى فرانسىيىنىڭ ۋيېتنامدىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماستىن، يەنە جۇڭگو - ۋيېتنام چېگرىسىدىكى يۈننەن، گۇاڭشى ئىككى ئۆلكىنى سودا قىلىشقا ئېچىۋېتىشكە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىي دەرۋازىسى ئېچىۋېتىلدى. ئۇرۇش «فرانسىيىنىڭ غەلىبە قىلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىشى، جۇڭگونىڭ مەغلۇپ بولماي تۇرۇپ مەغلۇپ بولۇشى» بىلەن ئاخىرلاشتى.