UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارۋېي بەگلىكىنى قورشاپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش

ۋېي بەگلىكىنى قورشاپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار سۇن بىن − يېغىلىق دەۋرىدىكى مەشھۇر ھەربىي ئالىم، ياش ۋاقتىدا پاڭ جۈەن بىلەن بىللە ئۇستازىدىن ھەربىي ئىلىم ئۆگەنگەن. كېيىن پاڭ جۈەن ۋېي بەگلىكىنىڭ سانغۇنى بولغاندا، سۇن بىننىڭ قابىلىيىتىگە ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ۋېي بەگلىكىگە ئالداپ ئەكېلىپ تىزىنىڭ لېپەك سۆڭىكىنى كېسىۋېتىپ، مېيىپ قىلىپ قويغان. سۇن بىن چى بەگلىكى ئەلچىسىنىڭ ياردىمىدە چى بەگلىكىگە قېچىپ كېلىپ، چى ۋېيۋاڭنىڭ ھەربىي مۇشاۋىرى بولغان. ۋېي بەگلىكىنى قورشاپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش دېگىنىمىز دەل سۇن بىن چى بەگلىكى قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ پاڭ جۈەن قوماندانلىقىدىكى ۋېي بەگلىكى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزغان مەشھۇر جەڭدۇر. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى354 - يىلى كۈچلۈك ۋېي بەگلىكى جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى، ۋېي بەگلىكىنىڭ سانغۇنى پاڭ جۈەن نۇرغۇن كىشىلىك زور قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ جاۋ بەگلىكىنىڭ پايتەختى خەندەننى قورشىۋالدى. كېيىنكى يىلى جاۋ بەگلىكى چى بەگلىكىدىن ياردەم سورىدى، چى بېگى تيەن جىنى سانغۇنلۇققا، سۇن بىننى ھەربىي مۇشاۋىرلىققا تەيىنلەپ، ئۇلارنى80 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ياردەمگە ئەۋەتتى. تيەن جى ئەسلىدە قوشۇننى باشلاپ ئۇدۇل جاۋ بەگلىكىگە بېرىپ ۋېي بەگلىكى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلماقچى ئىدى. سۇن بىن ۋېي بەگلىكىنىڭ خىللانغان قوشۇنلىرىنىڭ ھەممىسى جاۋ بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، بەگلىك ئىچى قۇرۇق دەپ قاراپ، كۈچلۈك دۈشمەندىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ ئاجىزغا ھۇجۇم قىلىشتەك جانلىق جەڭ ئىستراتېگىيىسىنى قوللىنىپ ۋېي بەگلىكىنىڭ پايتەختى دالياڭ (ھازىرقى خېنەندىكى كەيفېڭ) غا يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق شەھەرگە قىستاپ كېلىپ، نۇرغۇن كىشىلىك قوشۇن بىلەن تەھدىت سېلىش ۋەزىيىتى پەيدا قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. تيەن جى سۇن بىننىڭ پىلانىنى قوبۇل قىلىپ، قوشۇن باشلاپ ۋېي بەگلىكىگە ھۇجۇم قىلدى. پاڭ جۈەن بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، ئالدىراپ - تېنەپ ئوزۇق - تۈلۈك، قورال - ياراغلىرىنى تاشلاپ، ئايدىڭ كېچىدە جاۋ بەگلىكىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ بەگلىكىگە قايتتى. سۇن بىن ۋېي بەگلىكى قوشۇنلىرى قايتىشىدا چوقۇم ئۆتىدىغان گۇيلىڭ (ھازىرقى خېنەندىكى چاڭيۈەننىڭ غەربىي شىمالىدا) غا ئالدىنئالا بۆكتۈرمە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانىدى، پاڭ جۈەننىڭ قوماندانلىقىدا ئۇزاق يولنى بېسىپ ھېرىپ مادارىدىن كەتكەن ۋېي بەگلىكى قوشۇنى بۇ جايدىن ئۆتكەندە، چى بەگلىكى قوشۇنلىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ۋېي بەگلىكى قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. بۇ جەڭ «گۇيلىڭ جېڭى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇرۇش تارىخىدا، بۇ خىل جەڭ قىلىش ئۇسۇلى «ۋېي بەگلىكىنى قورشاپ، جاۋ بەگلىكىنى قۇتقۇزۇش» دەپ ئاتالدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن سۇن بىننىڭ نامى جاھانغا تارقالدى، كېيىنكىلەر ئۇنىڭ ھەربىي تەدبىر رىسالىسىنى قولىدىن چۈشۈرمەي ئوقۇپ كەلدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار