UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارلۇگۇچياۋ ۋەقەسى

لۇگۇچياۋ ۋەقەسى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1931 - يىلى «18 - سېنتەبىر» ۋەقەسىدە، ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىسىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، «تاڭگۇ كېلىشىمى»، «خې يىڭچىن - ئومىزۇ يوشىجىرۇ كېلىشىمى» ۋە «چېن دېچۈن - تۇفېييۈەن كېلىشىمى» ئارقىلىق بىر پايمۇ ئوق چىقارمايلا شىمالىي جۇڭگونىڭ نۇرغۇن ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قولغا كىرگۈزۈۋالدى. ئارقىدىنلا يەنە تاجاۋۇزچىلىق تىغ ئۇچىنى پۈتكۈل جۇڭگوغا قارىتىپ، جۇڭگونى ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇندى. لۇگۇچياۋ ۋەقەسى («7 - ئىيۇل ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ياپونىيىنىڭ جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.1937 - يىل7 - ئاينىڭ7 - كۈنى كېچە سائەت10 دا، ياپونىيە ئارمىيىسى بېيپىڭ (ھازىرقى بېيجىڭ) دىن ئون نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكى ئەتراپىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىدە تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسىگە ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قىلدى. ياپونىيە ئارمىيىسى بىر ئەسكىرىمىز يوقاپ كەتتى، دەپ يالغان باھانە ياساپ، ۋەنپىڭ ناھىيىسىگە كىرىپ ئاختۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. تەلىپى رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ۋەنپىڭ ناھىيە بازىرى ۋە لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنى توپقا تۇتتى.7 - ئاينىڭ8 - كۈنى سەھەردە ياپونىيە ئارمىيىسى ۋەنپىڭ ناھىيە بازىرىنى قورشىۋالدى، شۇنداقلا لۇگۇچياۋدا تۇرۇشلۇق جۇڭگو ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغىدى. لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنى ساقلاۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسىنىڭ29 - جۈنىدىكى ئەسكەرلەر قارشىلىق كۆرسىتىپ، ياپونىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەردى. تۇەنجاڭ جى شىڭۋېن شەخسەن ئۆزى ئالدىنقى سەپكە ئاتلىنىپ، جەڭگە قوماندانلىق قىلدى. بىر جەڭچى13 ياپون ئەسكىرىنى قىلىچ بىلەن ئارقا - ئارقىدىن چېپىپ ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. ئاخىردا ئۆزىمۇ ۋەتەن ئۈچۈن قەھرىمانلارچە قۇربان بولدى. لۇگۇچياۋ كۆۋرۈكىنىڭ شىمالىي تەرىپىنى قوغداۋاتقان بىر ليەن ئەسكەردىن ئاخىردا ئاران تۆتى ھايات قالدى.9 - چېسلا سەھەردە،29 - جۈن يۇڭدىڭخې دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋالدى. لۇگۇچياۋ ۋەقەسىدىن كېيىن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەتكە تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشقا چاقىردى. جياڭ جيېشىمۇ7 - ئاينىڭ17 - كۈنى لۇگۇچياۋ ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى نۇتقىنى ئېلان قىلدى. لۇگۇچياۋ ۋەقەسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى پۈتۈن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
لۇگۇچياۋ ۋەقەسى | UyghurWiki | UyghurWiki