UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلارخەلق ئازادلىق ئۇرۇشى

خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى

جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار 1945 - يىلى8 - ئايدىن1949 - يىلى9 - ئايغىچە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش ئېلىپ باردى، بۇ، تارىختا خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى، دەپ ئاتىلىدۇ،3 - قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ قوللىشى ئاستىدا، بىر تەرەپتىن، يالغان تىنچلىق نىقابىغا ئورىلىۋالسا، يەنە بىر تەرەپتىن، كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ئىچكى ئۇرۇش قوزغاشقا بار كۈچى بىلەن تەييارلىق قىلىپ، جۇڭگونى داۋاملىق يېرىم مۇستەملىكە، يېرىم فېئوداللىق ھالەتتە قالدۇرۇشقا ئۇرۇندى.1946 - يىل6 - ئاينىڭ26 - كۈنى جياڭ جيېشى كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئىمزالىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يىرتىپ تاشلاپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىگە كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئازاد رايونلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ئىچكى ئۇرۇش قوزغىدى. ئۇرۇش پارتلاش ھارپىسىدا گومىنداڭنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئارمىيىسى بولۇپ جەمئىي4 مىليون300 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچى بار ئىدى ھەمدە بارلىق چوڭ شەھەرلەر ۋە مۇھىم تۆمۈريول قاتناش لىنىيىلىرىنى كونترول قىلىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەنىدى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئاران1 مىليون200 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچى بار بولۇپ، «مىلتىق بىلەن سۆك» كىلا ئىگە ئىدى، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئەھۋال ئىنتايىن ناچار ئىدى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، دۈشمەننى بىر - بىرلەپ يوقىتىشتەك جەڭ فاڭجېنىنى تۈزۈپ چىقىش ئارقىلىق ھەرىكەتچان ئۇرۇشنى ئاساسلىق ئۇرۇش تاكتىكىسى، دۈشمەننىڭ جانلىق كۈچلىرىنى يوقىتىشنى ئاساسىي نىشان قىلدى. سەككىز ئاي قەھرىمانانە جەڭ قىلىش ئارقىلىق خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئوتتۇرا سۇجۇ، دىڭتاۋ، لىجياڭ، سۇبېي، جەنۇبىي شەندۇڭ ۋە لەيۋۇدىكى جەڭلەردە غەلىبە قىلىپ، گومىنداڭنىڭ710 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى يوقىتىپ، جياڭ جيېشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى.1947 - يىلى3 - ئايدا گومىنداڭ ئەسكىرىي كۈچىنى يىغىپ شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا ئازاد رايونى بىلەن شەندۇڭ ئازاد رايونىغا نۇقتىلىق ھۇجۇم قىلىشقا مەجبۇر بولدى.8 - ئايغا كەلگەندە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى شەنشى - گەنسۇ - نىڭشيا ئازاد رايونىدا چىڭخۇابيەن، ياڭماخې، پەنلۇڭ، شاجياديەن جەڭلىرىنىڭ غەلىبىسىنى، شەندۇڭدا مېڭلياڭگۇ جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ نۇقتىلىق ھۇجۇمىنى تارمار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان رايونلاردىكى خەلق «ئاچارچىلىققا، ئىچكى ئۇرۇشقا، زىيانكەشلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى2 - ئۇرۇش سېپىنى شەكىللەندۈردى، گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قورشاۋىدا قالدى.1947 - يىل6 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ليۇ بوچېڭ بىلەن دېڭ شياۋپىڭ سەنشى، خېبېې، شەندۇڭ، خېنەنلەردىكى ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى باشلاپ شەندۇڭنىڭ غەربىي جەنۇبىدا خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە ئىلگىرىلەپ، خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك مۇداپىئەدىن ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈشىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ باشقا ئازاد رايونلاردىكى دالا ئارمىيىلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئىستراتېگىيىلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى.1948 - يىلى9 - ئايدىن1949 - يىلى1 - ئايغىچە خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئارقا - ئارقىدىن لياۋنىڭ - شېنياڭ جېڭى، خۇەيخەي جېڭى، بېيپىڭ - تيەنجىن جېڭىنى قوزغاپ دۈشمەننىڭ1 مىليون540 مىڭ ئادىمىنى يوقىتىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تولۇق دېگۈدەك تارمار قىلدى.1949 - يىل4 - ئاينىڭ21 - كۈنى خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈش جېڭىنى قوزغاپ، چاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي توسۇقنى كېسىپ ئۆتتى.23 - كۈنى، گومىنداڭنىڭ ھۆكۈمرانلىق مەركىزى − نەنجىڭنى ئازاد قىلىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ گۇمران بولغانلىقىنى جاكارلىدى. ئارقىدىنلا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى غەربىي شىمال، غەربىي جەنۇب، ئوتتۇرا جەنۇب ۋە شەرقىي جۇڭگو رايونلىرىدا گومىنداڭنىڭ قالدۇق ئارمىيىسىنى داۋاملىق قوغلاپ يوقاتتى. خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىدا خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ8 مىليون70 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، شىزاڭ ۋە تەيۋەندىن باشقا پۈتۈن مەملىكەت چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئازاد قىلىپ، جاھانگىرلىك، فېئودالىزم ۋە بيۇروكرات كاپىتالىزمنىڭ جۇڭگودىكى ھۆكۈمرانلىقىنى تەلتۆكۈس ئاغدۇرۇپ تاشلىدى.1949 - يىل10 - ئاينىڭ1 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى ئۇلۇغ غەلىبىنى قولغا كەلتۈردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو تارىخىدىكى ئۇرۇشلار
خەلق ئازادلىق ئۇرۇشى | UyghurWiki | UyghurWiki