UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىشىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى

شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى

جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ۋاڭ ئەنشى ئۇلۇغۋار ئىرادىلىك كىشى ئىدى، ئۇ38 يېشىدىلا مەشھۇر «رېنزۇڭ خانغا يوللانغان مەكتۇپ» نى يېزىپ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى جەمئىيىتىدىكى زىددىيەت، كرىزىسلارنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئىسلاھات پىكرى ۋە ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى، بىراق ئۇنىڭ پىكرى قوبۇل قىلىنمىدى. ياش سۇڭ شېنزۇڭ − جاۋ شۇ تەختكە چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن شىنىڭنىڭ2 - يىلى (مىلادىيە1069 - يىلى) ۋاڭ ئەنشىنى سىياسەت مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، قانۇن ئۆزگەرتىشكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا قويدى. ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى دۆلەتنى بېيىتىپ، لەشكىرىي قوشۇننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت ئىدى. دۆلەتنى بېيىتىش جەھەتتە ئېلان قىلغان يېڭى قانۇنلار: بىرىنچى، مايسا قانۇنى. ھەر يىلى سېرىقتال مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت دېھقانلارغا تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز تارقىتىپ بېرىپ، بۇنى «مايسا پۇلى» دەپ ئاتاش. بۇ ئارقىلىق جازانىخورلارنىڭ دېھقانلارنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشى چەكلەندى. ئىككىنچى، ھاشارنى كەچۈرۈم قىلىش قانۇنى. ھۆكۈمەت ھاشار مەجبۇرىيىتى بار، بىراق ھاشارغا چىقىشنى خالىمايدىغانلاردىن نامراتلىق - بايلىق دەرىجىسىگە قاراپ ھاشارنى كەچۈرۈم قىلىش پۇلى يىغىش. ئىلگىرى ھاشار مەجبۇرىيىتى ئۆتىمىگەنلەرمۇ ھاشار پۇلى تۆلەش. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلارنىڭ ھاشار يۈكى يەڭگىللىتىلدى. ئۈچىنچى، يۇقىرىغا مال ماڭغۇزۇشنى تەڭشەش قانۇنى ۋە بازار قانۇنى. بۇ ئىككى تۈرلۈك يېڭى قانۇن نەتىجىسىدە، ئاساسلىقى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج مۇناسىۋىتى ھەمدە مال باھاسى تەڭشىلىپ، بايلارنىڭ ماللارنى بېسىۋېلىپ بازارنى قالايمىقان قىلىشى چەكلەندى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھۆكۈمەتنىڭ كىرىمى ئاشۇرۇلدى. تۆتىنچى، يەرلەرنى ئۆلچەپ، باجنى تەڭشەش قانۇنى. ھۆكۈمەت يەرلەرنى قايتىدىن ئۆلچەپ، يەردىن چىققان مەھسۇلاتنى يوشۇرۇشنى چەكلەش، يەرنىڭ كۆلىمىگە ۋە مۇنبەت - ناچارلىقىغا قاراپ باج يىغىش. بەشىنچى، ئېتىز - ئېرىق، سۇ ئىنشائاتى قانۇنى. ھەرقايسى جايلاردا بوز يەر ئېچىش، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بېرىشقا، تۇغان ياساشقا ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىقلار بار. لەشكىرىي قوشۇننى كۈچەيتىش جەھەتتە ئېلان قىلىنغان قانۇنلار: بىرىنچى، سەركەردە - لەشكەرلەر قانۇنى. بۇنىڭدا لەشكىرىي قوشۇننى سەرخىللاشتۇرۇپ، قېرى، ئاجىز لەشكەرلەرنى قىسقارتىش؛ مەشقاۋۇل تەيىنلەپ، جەڭ تەجرىبىسىگە ئىگە، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ تولۇقلاش؛ تەرتىپكە سېلىنغاندىن كېيىنكى قوشۇننى مەشىقلەندۈرۈپ، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش. ئىككىنچى، باۋ - جيا قانۇنى. بىر ئائىلىدە ئىككىدىن ئارتۇق ئەر بولسا، بىرى ئەسكەر بولۇش، ئون ئائىلە بىر تۈتۈن، بەش تۈتۈن بىر چوڭ تۈتۈن، ئون چوڭ تۈتۈن بىر باش تۈتۈن بولۇش، يېزا - كەنتلەردە مۇكەممەل ئامانلىق ساقلاش تورىنى بەرپا قىلىش. باۋ - جيا ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش ئارقىلىق بىر قىسمىنى قوشۇنغا سەپلەپ، ھەربىي خىراجەتنى تېجەش. ئۈچىنچى، ئات بېقىش قانۇنى، چارۋا تەپتىشلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي ئاتلىرىنى بېقىشنى باۋ - جيادا بېقىشقا ئۆزگەرتىش، ئات باققان ئائىلىلەر بىر قىسىم باجدىن خالاس قىلىنىشتەك ئېتىبار بېرىش مۇئامىلىسىدىن بەھرىمەن بولۇش، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەت زور مىقداردىكى خىراجەتنى تېجەش قاتارلىقلار. ئۇنىڭدىن سىرت، ۋاڭ ئەنشى يەنە مائارىپ جەھەتتىمۇ ئىسلاھات ئېلىپ باردى، ئاساسىي مەزمۇنى: «ئۈچ دەستۇرنىڭ يېڭى شەرھى» نى تۈزۈپ چىقىپ، كۇڭزىچىلارنىڭ «شېئىرنامە»، «نەسرنامە»،«جۇ يوسۇنلىرى» دىن ئىبارەت ئۈچ قىسىم كلاسسىك دەستۇرىنى قايتىدىن ئىزاھلاپ، مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك ماتېرىيالى ۋە كېجۈي ئىمتىھانىنىڭ ئۆلچىمى قىلىپ، مۇشۇ ئارقىلىق قانۇن ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈردى ۋە تاللاپ ئۆستۈردى. ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى دېھقانلارنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ، دۆلەتنىڭ مالىيە ئەھۋالىنى ياخشىلاپ، نامراتلىق ۋەزىيىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. بىراق قانۇن ئۆزگەرتىش چوڭ بيۇروكرات، چوڭ پومېشچىكلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە تاقالغاچقا، سىما گۇاڭ، ۋېن يەنبو قاتارلىق مۇتەئەسسىپ بيۇروكراتلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىدى، بۇنىڭغا ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىختىلاپ قوشۇلۇپ، سۇڭ شېنزۇڭنى ئارىسالدى قىلىپ قويدى. مىلادىيە1074 - يىلى ۋە1076 - يىلى ۋاڭ ئەنشى ئىككى قېتىم ۋەزىرلىك مەنسىپىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى.1085 - يىلى سۇڭ شېنزۇڭ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەمدىلا10 ياشقا كىرگەن سۇڭ جېزۇڭ − جاۋ شۈي تەختكە ئولتۇردى، شاھسانىيە گاۋشى نائىبلىق قىلىپ سىما گۇاڭنى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ، يېڭى قانۇننى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇردى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى
شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى ۋاڭ ئەنشىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى | UyghurWiki | UyghurWiki