UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىتاڭ سۇلالىسىدىكى ۋاڭ شۇۋېن ئىسلاھاتى

تاڭ سۇلالىسىدىكى ۋاڭ شۇۋېن ئىسلاھاتى

جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ھۆرگۈلدەك بىر ئېچىلىپلا توزۇپ كەتكەن ۋاڭ شۇۋېن ئىسلاھاتى تاڭ شۇنزۇڭنىڭ يۇڭجېن يىللىرىدا ئېلىپ بېرىلغاچقا، «يۇڭجېن يېڭىلىقى» دەپمۇ ئاتالدى. ئۆڭلۈك - سۆيگۈن توپىلىڭىدىن كېيىن، ھەرەمئاغىلىرى ھاكىممۇتلەقلىق، ۋاسساللار بۆلۈنمىچىلىك قىلغاچقا، سىياسىي جەھەتتە مالىمانچىلىق ۋە چىرىكلىك كۈچەيدى. مىلادىيە805 - يىلى تاڭ شۇنزۇڭ − لى سۇڭ تەختكە چىققاندىن كېيىن ۋاڭ شۇۋېننى باش مىرزىلىققا تەيىنلەپ، ئىسلاھات ئېلىپ باردى. ۋاڭ شۇۋېننىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملەشكەنلەردىن ئاساسلىقى ۋاڭ پېي، خەن تەي، خەن خۇا، ليۇ زۇڭيۈەن، ليۇ يۈيشى، چېن جيەن، لىڭ خۇەي، چېڭ يى ۋە ۋېي جى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار ئىسلاھاتچىلار گۇرۇھىنى شەكىللەندۈردى. ۋاڭ شۇۋېننىڭ ئىسلاھاتى ئەينى دەۋردىكى چىرىك سىياسىيغا قارشى ئېلىپ بېرىلغانىدى. تاڭ دېزۇڭ زامانىدا، ئاتالمىش «ئوردا بازىرى» تەسىس قىلىنغانىدى. ھەرەمئاغىلىرى سىرتقا چىققاندا ئوردىغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى سېتىۋالاتتى، دەسلەپتە تۆۋەن باھادا سېتىۋالدى، كېيىن قاپ يۈرەكلىك بىلەن «قاراپ قويۇپلا ئالىدىغان»، نېمىگە كۆزى چۈشسە شۇنى ئالىدىغان بولدى. يەنە تېخى «ۋۇ فاڭ ئۆكتەملىرى» دېيىلىدىغان بىر گۇرۇھ ھەرەمئاغىلىرىمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئوردىغا سوۋغات سۇنۇش نامى بىلەن چاڭئەن شەھىرىنىڭ ئىچى - سىرتىدا تور يېيىپ قۇش تۇتاتتى، بەزىدە تورنى كىشىلەرنىڭ ئىشىكىگە ياكى قۇدۇقنىڭ ئاغزىغا يېيىۋېلىپ كىشىلەرنى كىرىپ - چىققىلى ۋە سۇ ئالغىلى قويماي، مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پۇل - مال ئۈندۈرۈۋالاتتى. ئۇلار ئاشپۇزۇللاردا غىزالانسا پۇل تۆلىمەيلا قالماستىن، بەزىدە تېخى يىلانلارنى قەستەن ئاشپۇزۇل خوجايىنىنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ قوياتتى، ئاشپۇزۇل خوجايىنى پۇل بەرگەندىن كېيىنلا ئاندىن يىلاننى ئېلىپ كېتەتتى. كىشىلەر بۇ ئەبلەخلەرنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقاچقا، ئۇلارغا چىش - تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى. ۋاڭ شۇۋېن ئوردا بازىرى ۋە ۋۇفاڭ ئۆكتەملىرىنى بىكار قىلدى. بۇنىڭدىن سىرت، ھۆكۈمەت يەنە ئىككى قېتىم ھەرەمدىكى كېنىزەكلەر ۋە پاھىشىخانىلاردىكى پاھىشىلەردىن900 نى قايتۇرۇۋەتتى. پۈتۈن مەملىكەتكە پەرمان چۈشۈرۈپ، باج ئۈچۈن قەرز قىلىنغان500 نەچچە مىڭ سەر كۈمۈشنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنلۇق باجدىن سىرت باج يىغىشىنى چەكلىدى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرى خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىسلاھاتنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇش - بولماسلىقىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ھەربىي ھوقۇقنى ئىگىلەشتە ئىدى. ۋاڭ شۇۋېن يىراقنى كۆرەر پېشقەدەم سەركەردە فەن شىچاۋنى ئاستانىنىڭ غەربىدىكى خىسلەتلىك قوشۇننىڭ ھېراۋۇللۇقىغا، جەن تەينى خىسلەتلىك بارگاھنىڭ لەشكىرىي يۈرۈش ئەمىرلەشكەرلىكىگە تەيىنلىدى، ئۇنىڭ مەقسىتى ھەرەمئاغىلىرىنىڭ قولىدىكى لەشكىرىي ھوقۇقنى تارتىۋېلىش ئىدى. ھەرەمئاغىلىرىنىڭ كاتتىۋاشلىرى جۈي ۋېنجېن، ليۇ گۇاڭچىلار بىر قىسىم بيۇروكراتلار ۋە يەرلىكتىكى ھېراۋۇللار بىلەن بىرلىشىپ ھۆكۈمەتنىڭ پەرمانىغا بويسۇنۇشنى رەت قىلدى. ئۇزاق ئۆتمەي، جۈي ۋېنجېن قاتارلىقلار تاڭ شۇنزۇڭنىڭ شامال دارىشتىن سۆزلىيەلمەس بولۇپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ۋەلىئەھد لى چۈننى پادىشاھ (شيەنزۇڭ) قىلىپ تىكلىدى، تاڭ شۇنزۇڭ مەجبۇرىي تەختتىن چۈشتى. ئارقىدىنلا، ئىسلاھاتقا باشچىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى. ۋاڭ شۇۋېن ئاۋۋال يۈيجۇ ئايمىقىنىڭ نوپۇس بېگىلىكىگە چۈشۈرۈۋېتىلدى، كېيىنكى يىلى ئۆلۈۋېلىشقا بۇيرۇلدى. ۋاڭ پېي كەيجۇ ئايمىقىنىڭ ئەمىرلەشكەرلىكىگە چۈشۈرۈۋېتىلدى، كېيىن كەيجۇدا ئۆلدى. ليۇ زۇڭيۈەن، ليۇ يۈيشى قاتارلىق سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى ئوردىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، يىراق چېگرا رايونلاردىكى ئايماق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمىرلەشكەرلىكىگە تەيىنلەندى، ۋاڭ شۇۋېننىڭ ئىسلاھاتى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولدى. بۇ قېتىمقى ئىسلاھات تارىختا يەنە «ئىككى بەگ، سەككىز ئەمىرلەشكەر ۋەقەسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى