UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىچىن بەگلىكىدە شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى

چىن بەگلىكىدە شاڭ ياڭنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى

جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، چىن بەگلىكىنىڭ ئىگىلىكى ۋە مەدەنىيىتى بىرقەدەر قالاق ئىدى. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى361 - يىلى چىن شياۋگۇڭ تەختكە چىقتى. ئۇ بەگلىكنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىرادىسىنى تىكلەپ، دانىشمەنلەرنى يىغىشقا پەرمان چۈشۈردى. ۋېي بەگلىكىدىكى شاڭ ياڭ چىن بەگلىكىگە كېلىپ، دۆلەتنى بېيىتىپ لەشكىرىي قوشۇننى كۈچەيتىش تەدبىرى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن چىن شياۋگۇڭ شاڭ ياڭنى سول قول تۆرىلىككە تەيىنلەپ، قانۇن ئۆزگەرتىشكە رىياسەتچىلىك قىلىشقا قويدى. شاڭ ياڭ ئاۋامنىڭ ئىشەنچسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ئادەم ئەۋەتىپ بەگلىكنىڭ پايتەختى شيەنياڭدىكى جەنۇبىي قوۋۇقنىڭ سىرتىغا ئۈچ گەز ئېگىزلىكتىكى بىر تال ياغاچنى تىكلەپ قويدى ھەمدە پۇقرالارغا: »كىم مۇشۇ ياغاچنى شىمالىي قوۋۇققا كۆتۈرۈپ ئاپىرالىسا، ئالتۇن ئىنئام بېرىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، تاماشا كۆرگىلى كەلگەنلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى غۇلغۇلا قىلىشىپ، جاھاندا مۇشۇنداقمۇ ئاسان ئىشنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەي، ھېچكىممۇ سىناپ بېقىشنى خالىمىدى. كېيىن، شاڭ ياڭ ئىنئامنى يەنە بىرنەچچە ھەسسە ئۆستۈردى. ئاخىر بىر قاۋۇل كىشى بۇ ياغاچنى شىمالىي قوۋۇققا كۆتۈرۈپ ئاپاردى ھەمدە دېگەندەكلا ئىنئامغا ئېرىشتى. بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى شاڭ ياڭنىڭ پەرماندا ئىنتايىن كەسكىن، دېگىنىنى قىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلدى. شۇنىڭ بىلەن قانۇن ئۆزگەرتىش پەرمانىنى يولغا قويۇشقا ئاساس سېلىندى. چىن شياۋگۇڭنىڭ قوللىشىدا شاڭ ياڭ مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى359 - يىلى ۋە مىلادىيە350 - يىلى ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم قانۇن ئۆزگەرتىش پەرمانى ئېلان قىلدى، قانۇن ئۆزگەرتىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: »بىرىنچى، چاسا ئېتىزلارنى بىكار قىلىش، ئېتىز ئارىلىقلىرىدىكى پاسىللارنى بۇزۇپ تاشلاش، يەرنىڭ خۇسۇسلار ئىلكىدە بولۇشىنى ئېتىراپ قىلىش، يەرنى ئەركىن ئېلىپ - سېتىشقا رۇخسەت قىلىش. ئىككىنچى، ھەربىي خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى مۇكاپاتلاش، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۇغۇلۇپلا مەرتىۋە، تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدىغان، چوڭ بولغاندا ئەمەلدار بولىدىغان ئىمتىيازىنى بىكار قىلىپ، ھەربىي جەھەتتىكى تۆھپىسىگە قاراپ مەرتىۋە بېرىش، ھەربىي جەھەتتىكى تۆھپىسى قانچە زور بولسا، بېرىلىدىغان مەرتىۋىمۇ شۇنچە يۇقىرى، ئىنئام قىلىنىدىغان يەرمۇ شۇنچە كۆپ بولۇش. ئاقسۆڭەكلەرنىڭ تۆھپىسى بولمىسا، مەرتىۋىسىنى بىكار قىلىش. ئۈچىنچى، ناھىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىش. يېزا، ناھىيە، شەھەرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ چوڭ ناھىيە تەسىس قىلىپ، پادىشاھ ئامبال، يانداش ئامبال ئەۋەتىپ ئىدارە قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتتە31 ناھىيە تەسىس قىلىش. تۆتىنچى، ئونلۇق، بەشلىك ئائىلە تۈزۈمى ۋە چېتىپ جازالاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش. نوپۇس تەۋەلىكىگە قاراپ ھەر بەش ئائىلىنى بىر «بەشلىك»، ھەر ئون ئائىلىنى بىر «ئونلۇق» قىلىش، بىر ئائىلە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندا باشقا ئائىلىلەر بىلىپ تۇرۇپ مەلۇم قىلمىسا، «ئونلۇق»، «بەشلىك» تىكى ئائىلىلەرنى تەڭ جازالاش. بەشىنچى، ئىشلەپچىقىرىشنى رىغبەتلەندۈرۈش، ئاشلىق، رەختنى كۆپ ئىشلەپچىقارغانلارنىڭ ھاشىرىنى كەچۈرۈم قىلىش. ئالتىنچى، دېھقانچىلىقنى تاشلاپ سودىگەرچىلىك قىلغانلار ياكى ھۇرۇنلۇق دەستىدىن نامراتلىشىپ كەتكەنلەرنى پۈتكۈل ئائىلىسى بويىچە جازالاپ ھۆكۈمەتنىڭ قۇلى قىلىش. چوڭ ئائىلە، كىچىك ئائىلىلەرنى ئايرىپ، قۇرامىغا يەتكەن ئىككىدىن ئارتۇق ئەر بار ئائىلىلەر ئوغۇللىرىنى ئايرىپ ئۆي - ئوچاقلىق قىلمىسا، جەزمەن ھەسسىلەپ باج تاپشۇرۇشنى بەلگىلەش. يەتتىنچى، ئۆلچەم بىرلىكلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دۇرۇس ئۆلچەم ئەسۋابلىرىنى ئېلان قىلىش قاتارلىقلار. شاڭ ياڭ كېيىن چىن بەگلىكىدىكى كونا ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى، بىراق ئۇ ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق قانۇن ئۆزگەرتىش چىن بەگلىكىدىكى كونا ئاقسۆڭەكلەرنىڭ كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىپ، فېئوداللىق ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، چىن بەگلىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىپ، چىن بەگلىكىنى پەيدىنپەي يەتتە بەگلىك ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك بەگلىككە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئاساس سالدى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى