شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى چىڭلى يېڭى سىياسىتى
جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى
قەدىمدىن بۇيان تارقىلىپ كەلگەن «غەم - قايغۇدا باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، راھەت - پاراغەتتە باشقىلارنىڭ كەينىدە تۇرۇش» دېگەن بۇ ھېكمەتلىك سۆز شىمالىي سۇڭ سۇلالىسىدىكى «چىڭلى يېڭى سىياسىتى» نىڭ باش تۈزگۈچىسى فەن جۇڭيەننىڭ سۆزىدۇر. فەن جۇڭيەن27 يېشىدا تەشرىپدارلىققا ئۆتكەن. ئۇ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى باشتىن كەچۈرگەچكە، خەلقنىڭ ئازاب - ئوقۇبىتى ۋە تەلىپىنى چۈشىنەتتى، شۇڭا كۆپ قېتىم پادىشاھقا مەكتۇپ سۇنۇپ، نۆۋەتتىكى سىياسەتلەرنى تەنقىد قىلغان ھەمدە بىرقاتار كونكرېت ئىسلاھات تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كېيىن ئىسلاھاتقا باشچىلىق قىلىشقا ئاساس سالغانىدى.
چىڭلىنىڭ3 - يىلى (مىلادىيە1043 - يىلى)، سۇڭ رېنزۇڭ ئىسلاھات چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، فەن جۇڭيەننى سىياسەت مەسلىھەتچىسى (مۇئاۋىن ۋەزىر) لىككە، خەن چى، فۇ بىلارنى ئورۇنباسار زوراغالىققا تەيىنلىدى، ئۇلار ۋەزىر بىلەن تەڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، ئىسلاھات ئېلىپ باردى. فەن جۇڭيەن سۇڭ رېنزۇڭغا مەلۇمات يوللاپ، «ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپىنى تۆۋەنلىتىش - ئۆستۈرۈشتە ئادىل بولۇش»، «ئەمەلدارنى تاللاپ بېكىتىش»، «يېزا ئىگىلىكىگە، پىلىچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش»، «ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش»، «ھاشار - سېلىقنى كېمەيتىش» قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھات لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەمەلدارلارنىڭ مەنسىپىنى تۆۋەنلىتىش - ئۆستۈرۈشتە ئادىل بولۇش ۋە ئەمەلدارلارنى تاللاپ بېكىتىشتىكى مەقسەت ئەمەل - مەنسەپ تۈزۈمىنى تەرتىپكە سېلىش ئىدى. فەن جۇڭيەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ سىياسىي تۆھپىسىنى تەھقىقلىگەندە، بىر تۈركۈم چىرىك، نەپسانىيەتچى، ھاماقەت، ئىقتىدارسىز ئەمەلدارلارنى ئالماشتۇرۇۋەتتى. فۇ بى فەن جۇڭيەننىڭ ئەمەلدارلار خاتىرىسىدىن بۇ كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەندە چىدىيالماي، بۇ كىشىلەر مەنسەپتىن ئايرىلىپ قالسا ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ زار - زار يىغلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. فەن جۇڭيەن شۇ ھامان: بۇنداق قىلماي، ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسانىيەتچىلىك قىلىشىغا يول قويساق، بىر ئايماقتىكى پۇقرالار يىغلايدۇ، بىر ئايماقتىكى پۇقرالارنى يىغلاتماسلىق ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بىرەر ئائىلىسىنى يىغلاتماي ئامال يوق، دەپ جاۋاب بەردى. «يېزا - ئىگىلىكى ۋە پىلىچىلىككە ئەھمىيەت بېرىش»، ھاشار - سېلىقنى ئازايتىش − يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ئىدى. «ھەربىي ھازىرلىقلارنى تەرتىپكە سېلىش» ھەربىي خىراجەتنى تېجەش، قوشۇننىڭ جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىدى. بۇ بىرقاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى چوڭ بيۇروكراتلار گۇرۇھىنىڭ ئىمتىيازىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىگەچكە، ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئۇلار يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بيۇروكراتلارغا ئۆز ئالدىغا گۇرۇھ ئۇيۇشتۇرۇپ، سۇيىقەست پىلانلاپ، پادىشاھنى تەختتىن چۈشۈرمەكچى بولۇشتى، دەپ تۆھمەت چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن، بىر يىلغا قالمايلا يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغۇچى بيۇروكراتلار ئارقا - ئارقىدىن مەنسىپىدىن ئېلىپ تاشلاندى ياكى مەنسىپى تۆۋەنلىتىلدى، فەن جۇڭيەنمۇ ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، چىڭلى يېڭى سىياسىتىمۇ مەغلۇپ بولدى.