ۋېي بەگلىكىدە لى كۇينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى
جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى
يېغىلىق دەۋرىنىڭ باشلىرىدا، ۋېي بەگلىكىنىڭ بېگى ۋېي ۋېنخۇ لى كۇينى ۋەزىرلىككە تەيىنلەپ قانۇن ئۆزگەرتىشنى يولغا قويدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، لى كۇي كۇڭزىنىڭ شاگىرتى بۇ زىشيانىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. لى كۇي ۋەزىر بولغان مەزگىلدە بەگنىڭ ئىشەنچسىگە ۋە خىزمەتداشلىرىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتلەردە ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىسلاھات يۈرگۈزدى.
لى كۇينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: بىرىنچى، ئەمەلدارلىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمىنى بىكار قىلىش. دۆلەتكە تۆھپە قوشمىغان، پۈتۈنلەي ئاتا - بوۋىسىنىڭ مەرتىۋىسىگە تايىنىپ ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇۋالغانلارنىڭ مەنسىپىنى ئېلىپ تاشلاپ، تەمىناتىنى بىكار قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەنسىپى ۋە تەمىناتىنى دۆلەتكە تۆھپە قوشقانلارغا بېرىش. ئىككىنچى، جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى مۇكەممەل فېئوداللىق قانۇن — «قانۇن دەستۇرى» نى تۈزۈپ چىقتى، بۇ قانۇن قاراقچى، ئوغرى، مەھبۇس، قولغا ئېلىش، تۈرلۈك ماددىلار، جازا قوراللىرىدىن ئىبارەت ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەنىدى، مۇشۇ ئارقىلىق فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىق تەرتىپى قوغدالدى. ئۈچىنچى، بۇرۇنقى ئېتىز - ئېرىقلار ئارىلىقىدىكى پاسىللارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، دېھقانلارنى بوز يەرلەرنى ئىختىيارىي ئۆزلەشتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر پارچە يەرگە خىلمۇخىل ئاشلىق زىرائەتلىرىنى تېرىشنى تەشەببۇس قىلدى. تۇرالغۇلىرىنىڭ ئەتراپلىرىغا دەرەخ تىكىپ، ئۈجمە ئۆستۈرۈپ، بوش يەرلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىشنى تەلەپ قىلدى. مەھسۇلاتنى ئاشۇرغانلارنى مۇكاپاتلاپ، مەھسۇلاتنى كەملەتكەنلەرنى جازالىدى. تۆتىنچى، «تەكسە ئاشلىق باھا قانۇنى» نى يولغا قويدى. مول ھوسۇل ئالغان يىللىرى ھۆكۈمەت ئېشىنچا ئاشلىقنى مۇقىم باھادا سېتىۋېلىپ زاپاس ساقلاپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ زىيادە چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى؛ قەھەتچىلىك يىللىرىدا يەنە مۇقىم باھادا ئاشلىق سېتىپ بېرىپ، ئاشلىق باھاسىنىڭ زىيادە ئۆرلەپ كېتىشىنى چەكلىدى. مۇشۇ خىل ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ سودىگەرلەرنىڭ ھايانكەشلىك قىلمىشىنى چەكلەپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدىدى. بەشىنچى، لەشكىرىي تۈزۈمنى ئىسلاھ قىلىپ، پالۋانلارنى تاللىدى، تاللانغانلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق ھاشىرىنى كەچۈرۈم قىلدى ھەمدە ئۇلارغا يەر ۋە تۇرالغۇ مۇكاپات بەردى.
لى كۇينىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى ئاساسىدا ۋېي بەگلىكىنىڭ ئىگىلىكى تېز راۋاجلاندى، دۆلەت كۈچى كۈنسېرى كۈچىيىپ، يېغىلىق دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى قۇدرەتلىك بەگلىككە ئايلاندى.