UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىمىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭ جۈيجېڭنىڭ ئىسلاھاتى

مىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭ جۈيجېڭنىڭ ئىسلاھاتى

جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى جاڭ جۈيجېڭ مىڭ سۇلالىسى ۋەنلى يىللىرىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدىكى باش دىۋانبېگى. مىڭ تەيزۇ − جۇ يۈەنجاڭ باش ۋەزىرلىك مەنسىپىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، باشدىۋان بېگى ئەمەلىيەتتە باش ۋەزىر بولۇپ قالغانىدى. جاڭ جۈيجېڭ ھايات ۋاقتىدا، مىڭ شېنزۇڭ − جۇ يىجۈن ۋە خان ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەنىدى، ھەتتا ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئۈستىلەپ خەلپەت بەگ مەرتىۋىسى بەرگەنىدى، بۇ، مۈلكىي ئەمەل ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئەمەل بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى قۇرۇلغان200 نەچچە يىلدىن بېرى تېخى ھېچكىمگە ھايات ۋاقتىدا بېرىلىپ باقمىغانىدى. جاڭ جۈيجېڭ قولىدىكى ھوقۇقىنى ئىشلىتىپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. سىياسىي جەھەتتە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى ئارتۇق ئەمەلدار، ئارتۇق خادىملارنى قىسقارتىپ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالدى، ئەمەلدارلارنى سىياسىي تۆھپىسىگە قاراپ تاللىدى ۋە قىسقارتتى، قابىلىيەتلىكلەرنى ئۆستۈرۈپ مۇھىم مەنسەپلەرگە قويۇپ، مەمۇرىي ئىشلارنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى. ھەربىي جەھەتتە، چېگرا مۇداپىئەسىدىكى قەلئە - قورغانلارنى كۆپەيتىپ، چى جىگۇاڭ، لى چېڭلياڭ قاتارلىق مەشھۇر سانغۇنلارنى ئىشقا قويۇپ، لەشكەرلەرنى پائال مەشىق قىلدۇرۇپ جەڭگە تەييارلىق قىلدى. ئىقتىسادىي جەھەتتە، يەرلەرنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» نى يولغا قويۇپ، جۇڭگو فېئوداللىق جەمئىيىتىنىڭ باج تۈزۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. ئاتالمىش «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» ئەسلىدىكى يەر بېجى، ھاشار بېجى ۋە باشقا قوشۇمچە باجلارنى بىرلەشتۈرۈپ كۈمۈشكە سۇندۇرۇپ، يەرگە چېچىپ، يەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ باج يىغىشتىن ئىبارەت. «بىر تۇتاش باج ئېلىش چارىسى» نىڭ يولغا قويۇلۇشى يېرى ئاز، جان سانى كۆپ دېھقانلارنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، پۇلنىڭ ئوبوروت قىلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تاۋار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولدى. جاڭ جۈيجېڭنىڭ ئىسلاھاتى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى دۆلەتنىڭ مالىيە قەھەتچىلىكى ئەھۋالىنى ئۆزگەرتتى، دۆلەت خەزىنىسىدىكى پۇل ھۆكۈمەتنىڭ10 يىللىق چىقىمىنى قامدىيالايدىغان بولدى، ئىجتىمائىي ئىگىلىك مەلۇم دەرىجىدە ئەسلىگە كەلدى ۋە تەرەققىي قىلدى. بىراق جاڭ جۈيجېڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا نۇرغۇن كىشىنى رەنجىتىپ قويدى، شۇنداقلا بيۇروكراتلارنىڭ مەنپەئىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزدى، شۇڭلاشقا، مىلادىيە1582 - يىلى ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشىگىلا ھوقۇقدار ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا، تۆھمەت قىلىشىغا ئۇچرىدى، خەلپەت بەگلىك مەرتىۋىسىمۇ بىكار قىلىندى، ئائىلە مۈلۈكلىرى مۇسادىرە قىلىندى، ئۇرۇق - تۇغقانلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى، بىر قىسىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىمۇ بىكار قىلىندى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى
مىڭ سۇلالىسىدىكى جاڭ جۈيجېڭنىڭ ئىسلاھاتى | UyghurWiki | UyghurWiki