UyghurWiki
UyghurWikiجۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشىشىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىكى شياۋ ۋېندىنىڭ ئىسلاھاتى

شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىكى شياۋ ۋېندىنىڭ ئىسلاھاتى

جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى مىلادىيە471 - يىلى ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن شياۋ ۋېندى − توغبات خۇڭ شىمالىي ۋېي سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى بولدى، ھاكىمىيەتنى ئۇنىڭ مومىسى فېڭ تەيخۇ (خان ئانا) باشقۇردى. ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، سىنىپىي زىددىيەت ۋە مىللىي زىددىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، فېڭ تەيخۇ شياۋ ۋېندىنىڭ نامىدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تەمىنات تۈزۈمى، يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمى ۋە ئۈچ باشلىقلىق تۈزۈمىنى ئېلان قىلىپ ۋە يۈرگۈزۈپ، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. مىلادىيە484 - يىلى ئېلان قىلىنغان تەمىنات تۈزۈمىدە، ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى ھۆكۈمەت يىغىۋېلىپ بۆلۈپ تارقىتىش، ئەمەلدارلار ئۆز ئالدىغا يىغىۋالماسلىقنى بەلگىلەپ، ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتنى ئۆزى خالىغانچە يىغىپ پۇقرالارنى تالان - تاراج قىلىشىدىن ساقلاندى. مىلادىيە485 - يىلى ئېلان قىلىنغان يەرلەرنى تەڭ تەقسىملەش تۈزۈمىدە،15 ياشتىن ئاشقان ئەرلەر دۆلەتتىن40 مو ئېتىزلىق يەر (ئاشلىق تېرىيدىغان يەر)،20 مو ئۈجمە ئۆستۈرىدىغان يەر، ئاياللار20 مو ئېتىزلىق يەر ئالسا بولىدۇ. ئۈجمە ئۆستۈرىدىغان يەر خۇسۇسىي يەر بولىدۇ، بەرگەندىن كېيىن قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ، ئېتىزلىق يەر ئىگىسى ئۆلگەندىن كېيىن ھۆكۈمەتكە قايتۇرۇلىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. بۇ، يېڭى بىر خىل يەر تۈزۈمى ئىدى. مىلادىيە486 - يىلى ئېلان قىلىنغان ئۈچ باشلىقلىق تۈزۈمىدە بەش ئائىلە بىر مەھەللە، بەش مەھەللە بىر كەنت، بەش كەنت بىر يېزا بولۇش، بۇنىڭغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا مەھەللە باشلىقى، كەنت باشلىقى، يېزا باشلىقى تەسىس قىلىش، ئۈچ باشلىق يەر ئىجارىسىنى يىغىش، ھاشار ۋە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇش بەلگىلىنىپ، مۇشۇ ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى كونترول قىلىش كۈچەيتىلدى. مىلادىيە490 - يىلى فېڭ تەيخۇ ئۆلگەندىن كېيىن24 ياشلىق شياۋ ۋېندى ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئېلىپ، داۋاملىق ئىسلاھات ئېلىپ باردى.493 - يىلى ئۇ ئۇستىلىق بىلەن جەنۇبىي سۇلالىلەرگە جازا يۈرۈشى قىلىش نامىدا، قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ توسقۇنلۇقىنى يېڭىپ، پايتەختنى پىڭچېڭ (ھازىرقى سەنشىدىكى داتۇڭ) دىن لوياڭغا كۆچۈردى. يېڭى پايتەخت بىنا قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ سىيانپىيلارنىڭ كونا ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىپ، خەنزۇلاشتۇرۇشنى يولغا قويدى. ئۇ پىڭچېڭدىن لوياڭغا كۆچۈرۈپ كەلگەن1 مىليونغا يېقىن ئاھالىنىڭ نوپۇسىنى لوياڭ نوپۇسىغا ئۆزگەرتىپ، ئۆلگەندىن كېيىن لوياڭنىڭ شىمالىدىكى بېيماڭ تېغىغا دەپنە قىلىشنى بەلگىلىدى. مىلادىيە494 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا شياۋ ۋېندى «كىيىم - كېچەكلەرنى ئۆزگەرتىش ئىسلاھاتى» نى ئېلان قىلىپ، سىيانپىيچە كىيىملەرنى كىيىشنى چەكلەپ، سىيانپىيلارنىڭ خەنزۇچە كىيىم كىيىشىنى تەلەپ قىلدى. كېيىن يەنە خەنزۇچە سۆزلەش، سىيانپىيلارنىڭ فامىلىسىنى خەنزۇچە فامىلىگە ئۆزگەرتىشنى بەلگىلىدى. شياۋ ۋېندىنىڭ فامىلىسى توغبات ئىدى، ئەمدىلىكتە ئۇ فامىلىسىنى يۈەنگە ئۆزگەرتتى. شياۋ ۋېندى يەنە سىيانپىيلار بىلەن خەنزۇلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇ ئۆزىمۇ سۈي، لۇ، جېڭ، ۋاڭ فامىلىلىكلەرنىڭ قىزلىرىنى كىچىك خانىشلىققا ئالدى ھەمدە بەش ئىنىسىغا خەنزۇلار ئىچىدىكى داڭدار جەمەتلەرنىڭ قىزلىرىنى چوڭ خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى، شۇنداقلا مەلىكىسىنى خەنزۇلارنىڭ داڭدار جەمەتىگە ياتلىق قىلدى. شىمالىي ۋېي سۇلالىسىدىكى شياۋ ۋېندىنىڭ ئىسلاھاتى سىيانپىيلار ۋە شىمالدىن ئىچكىرىگە كۆچكەن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىپ، شىمالدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى.
← بارلىق تېمىلار جۇڭگو سۇلالىلىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشى