جوۋ شىنفاڭ
جۇڭگو شىچۈن تىياتىرى ۋە رولچىلىرى
20 - ئەسىرنىڭ30 - يىللىرى جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ، ھەر خىل ئېقىم، داڭلىق سەنئەتكارلار كۆپلەپ مەيدانغا چىققان. ساقاللىقلار رولى بويىچە «تۆت داڭلىق ساقاللىق رولچى» (ما، تەن، ياڭ، شى) دىن باشقا يەنە «چى ئېقىمى» دىكى ساقاللىق رولچى جۇشىنفاڭمۇ بار ئىدى.
جۇ شىنفاڭ (1895 ~1975 )، ئاكتيور ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئالتە يېشىدا تىياتىر ئۆگىنىپ، يەتتە يېشىدا سەھنىگە چىققان، «تيې ليەنخۇا» تىياتىرىدا ۋاۋاشېڭ (بالىلار) رولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، «يەتتە ياشلىق سەنئەتكار» (童龄七) دەپ تەخەللۇس قويۇلغان؛ كېيىن شاڭخەيگە بېرىپ ئويۇن قويغاندا، تەخەللۇسىنى «چى لىنتۇڭ» (童麟麒( غا ئۆزگەرتىپ، مەخسۇس ساقاللىقلار رولىنى ئويناشقا كىرىشىپ كەتكەن، مېي لەنفاڭ، تەن شىنپېي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئويۇن قويغان. جوۋ شىنفاڭ ئۇزاق مۇددەت شاڭخەيدە تۇرۇپ، ۋاڭ خۇڭشۇ، ۋاڭ شياۋنۇڭ، پەن يۆچياۋ قاتارلىقلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، نۇرغۇن تىياتىر ئەسەرلىرىنى يېزىپ سەھنىلەشتۈرگەن. ئۇ سەنئەتتە كونا قائىدە - يوسۇنلارغا ئېسىلىۋېلىشنى ياقتۇرمايتتى، ئىسلاھ قىلىشقا، يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشاتتى، بىلىم ۋە ماھارەتتە توشقان ساقاللىقلار رولىنى ئالىدىغان ئۇستازلاردىن سۈن جۈشيەن، تەن شىنپېي، ۋاڭ گۇيفېيلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ، خۇادەن )ئوماق، شاش ئاياللارنىڭ رولى(، خۇاليەن )ئەر پېرسوناژلارنىڭ رولى( روللىرىنىڭ ئورۇنداش سەنئىتىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئۆزگەرتىپ يېڭىلاپ، ئۆزىگە خاس بەدىئىي ئۇسلۇبى بىلەن «چى ئېقىمى» نى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا نام قازاندى. ئۇنىڭ ناخشىلىرى ساددا، تىلى ئوچۇق، تەلەپپۇزى ئېنىق، ھەربىر سۆزى جۇشقۇنلۇققا تولغانىدى. جوۋ شىنفاڭ ھەرىكەت گۇمپىسىغا ئەڭ ماھىر بولغاچ، كىشىلەر «ھەرىكەت ماھارىتىدە توشقان ساقاللىق رولچى» دەپ ئاتايتتى. ئۇنىڭ ماھارەت ئاساسى ئىنتايىن چىڭ بولۇپ، ناخشا - ئۇسسۇل ۋە چامباشچىلىقتا كامالەتكە يەتكەنىدى. شېندۈەن )بىرىكمە ھەرىكەت( لىرى ئەركىن - ئازادە بولۇپ، بەدىنىنىڭ ھەربىر يېرىدىن ئىپادىلەش چىقىپ تۇراتتى، رىتىم سېزىمى كۈچلۈك ئىدى. تاشقى ھەرىكەت ئارقىلىق پېرسوناژنىڭ ئىچكى ھېسسىيات ۋە كۆڭلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەشكە، ساقال، كىيىم - كېچەك، جابدۇق قاتارلىقلارنى پېرسوناژ ئوبرازىنى يارىتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ماھىر ئىدى. «چىڭفىڭ شىپىڭى» تىياتىرىدا جاڭ يۈەنشيۇنىڭ رولىنى ئالغان، ئۇ خوتۇنىنىڭ ئاسراندى ئوغۇل تەرىپىدىن ئازابلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەن چاغدا، ئاۋۋال تىترىگەن قول ھەرىكىتى بىلەن ئاسماننى، مەيدىسىنى، خوتۇنىنى، بىۋاپا ئاسراندى ئوغلىنى كۆرسىتىپ، قاتتىق غەزەپلەنگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ، ئاندىن شۇنىڭغا ئۇلاپلا بىر تۇتام ئاپئاق ساقىلىنى سىقىمداپ ئايلاندۇرۇپ كېلىپ چىڭ چىشلىگىنىچە بېرىپ تۈۋرۈككە ئۈسسۈپ ئۆلۈۋالىدۇ. بۇ خىل ئىپادىلەش كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىۋەتكەنىدى.
جۇ شىنفاڭ ئادالەتپەرۋەر سەنئەتكار ئىدى. «4 - ماي ھەرىكىتى» نىڭ ئالدى - كەينىدە يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، «سۇڭ جياۋرېن» تىياتىرىنى ئويناپ، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابقا ھېسداشلىق قىلىدىغان سىياسىي ماھىللىقىنى ئىپادىلىگەن؛ يەنە «گۇمپا ئۆگىنىپ جىن گاڭنى ئۇرۇش» تىياتىرىنى ئويناپ، تىغ ئۇچىنى ۋەتەن ساتقۇنلارغا قاراتقان. ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدى - كەينىدە «خۇڭ چېڭچۇ» نى ئويناپ، خائىنلارنى قامچىلىغان؛ «خۇيچىن ئېردى» نى ئويناپ، ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىغا مەدەت بەرگەن. جوۋ شىنفاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك تىياتىرلىرىدىن «تۆتىنچى ئارمىيىگە كىرگەن ئەسكەر، شۈي سېنىڭ شەھەرگە قاترىشى، شياۋ خېنىڭ ئايدىڭدا خەن شىننى قوغلىشى، چىڭفېڭ شىپىڭى، مالۇڭ قورۇسى، ۋاڭ كۇينىڭ مەجبۇرىيىتى، خەي رۇيگە سۇنۇلغان باياننامە» قاتارلىقلار بار بولۇپ، كۆپىنچىسى ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئادالەت تېما ئىدىيىسىنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ يۈكسەك ماھارىتى بىلەن سۇڭ شېجيې، شۈي سى، شياۋخې، سۇڭ جياڭ، ۋاڭ جوڭ قاتارلىق جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان، خاراكتېرى روشەن بولغان بەدىئىي ئوبرازلارنى يارىتىپ، جىڭجۈي تىياتىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا زور تۆھپە قوشقان.